ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ يېڭى سېكرېتارى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجراچىسى چېن شياۋجياڭ 5-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارنى زىيارەت قىلغان ۋە ئاتالمىش «مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، چېن شياۋجياڭ ئاتالمىش «دۆلەت بايرىمى» ۋە خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرگەن.
ئۇ ساقچىلارغا قىلغان سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بۇيرۇقلىرىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
چېن شياۋجياڭ يەنە خىتاي رېجىمى يېقىنقى مەزگىللەردە تېخىمۇ كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، زور يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىبارىلەرنى تەكرارلىغان.
چېن شياۋجياڭ ئىلگىرىكى خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا ئالماشقاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئالاقىدار بارلىق سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش، كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇش ۋە يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.