يېڭى دوكلات خىتايغا قارشى قانۇن-نىزاملاردىكى ئېغىر يوچۇقنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىۋېلىشىنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ نازارەت ئۆلچىمى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي شىركەتلىرى بۇلتۇر يەنىلا 40 مىليارد دوللارغا يېقىن ئالاھىدە ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گوللاندىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت نىزاملىرىدا پەرق بولغاچقا، ئامېرىكىدىن باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە داۋاملىق ئۈسكۈنە سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئۆتكەن يىلى ASML، توكيو ئېلېكترون قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەش يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىسىدىن سېتىۋالغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 38 مىليارد دوللارغا يېتىپ، 2022-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %66 ئاشقان. بۇ سېتىۋېلىش مىقدارى مەزكۇر بەش چوڭ گىگانت شىركەتنىڭ ئومۇمىي سېتىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %39 گە توغرا كېلىدىكەن.

دوكلاتتا بۇ سودىلارنىڭ خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە سىستېمىسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

دوكلات ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانۇن-نىزام ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، ئېكسپورت چەكلىمىسىنى كېڭەيتىشى، جۈملىدىن خىتايغا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى ياساشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان مۇھىم زاپچاسلارنى سېتىشنى چەكلەش كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

بۇلتۇر يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيەنىڭ مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ASML شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى، ئەمما بۇ كېلىشىم ASML شىركىتىنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقى، ASML شىركىتى لوبىچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھۆكۈمەتنى قايىل قىلىپ، خىتايغا ئىلغار ئۈسكۈنە ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەنلىكى، نەتىجىدە بۇلتۇر خىتاي ASML شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 15197 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2025 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق