ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ كېلەر ئايدىن باشلاپ خىتاي ئىمپورت ماللىرىدىن 100% قوشۇمچە تاموژنا باج ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتايغا تەھدىت سالدى.
خىتاي يېقىندا سىيرەك توپا ئېكسپورتىغا قارىتا چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تىرامپ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يازمىسىدا، خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېكسپورت نىزامىنى چىڭىتىش ھەرىكىتىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، خىتاينىڭ قاتتىق دۈشمەنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ يەنە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان بولسىمۇ، كېيىن بۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆتكۈزۈلۈش-ئۆتكۈزۈلمەسلىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
تىرامپنىڭ بايانلىرى پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، S&P 500 كۆرسەتكۈچ نىسبىتى %2.7 تۆۋەنلىگەن. بۇ 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك چۈشۈش ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ماشىنىدىن تارتىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونغىچە بولغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان سىيرەك توپا ۋە باشقا بىر قىسىم ھالقىلىق ماتېرىياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى مونوپول قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنى ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە قارشى كوزىر قىلىپ ئىشلەتمەكتە.
نۆۋەتتە يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشاش ئىلغار تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى سودىسى، TikTok، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، سىيرەك توپا قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىپ قىلىنىپ كەلمەكتە.