خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشتىكى رولىنى ۋە ئۇنى يەرلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئۆكتەبىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يىغىن زالىدا دىۋىزىيە بىلەن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دىۋىزىيە پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شۆ بىن سۆز قىلىپ، دىۋىزىيەنىڭ ئىزچىل ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئەستە تۇتۇپ كەلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننى ماكان قىلىش ۋە چېگرا مۇستەھكەملەشكە خىزمەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەل خىل ساھەلەر بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئورۇندايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنى تۈرلۈك ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ھەرىكەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان دىۋىزىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىشارەت قىلغان.
خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش، باستۇرۇشتا دىۋىزىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا دىۋىزىيەنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە باشلىدى ۋە ئاتالمىش «يەرلىك بىلەن دىۋىزىيەنى بىرلەشتۈرۈش» ئىبارىسىنى تۈرلۈك يىغىنلىرىدا، تەشۋىقاتلىرىدا كۆپلەپ تەكرارلىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا شەرقىي تۈركىستاندا، خۇسۇسەن دىۋىزىيەلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش»قا ئالاقىدار بىر قىسىم تەتقىقات مەركەزلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات ئورگانلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ھەسسە قوشماقتا.