گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يەكشەنبە پەۋقۇلئاددە قارار چىقىرىپ، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ۋېنتەي تېخنولوگىيەسى قارمىقىدىكى ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىگە مۇداخىلە قىلغان. قاراردا مەزكۇر شىركەتنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ گوللاندىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، گوللاندىيە ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «مال تەمىنلەش قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن، مەزكۇر خىتاي شىركىتىگە مۇداخىلە قىلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىدا ئېغىر نۇقسان بارلىقىنىڭ جىددىي ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى ئىلگىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، ئەنگلىيەنىڭ نىيۇپورت شەھىرىگە جايلاشقان كىرىمنىي كىرىستال ياپراقچىسى زاۋۇتىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە گوللاندىيەدىمۇ خەۋپ دەپ قارىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ گوللاندىيەگە جايلاشقان ئانا شىركىتى ۋېنتەي تېخنولوگىيەسى يەنە ئامېرىكىنىڭ ​​«قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.

ۋېنتەي تېخنولوگىيەسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق مۇداخىلە ھەرىكىتىدە ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ جىددىي ئەھۋالدا ئۆزەك بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە شۇنداقلا ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ سودا ھەرىكىتىنىڭ گوللاندىيە ۋە ياۋروپادىكى ھالقىلىق تېخنولوگىيە بىلىملىرى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئىزچىللىقىغا ۋە قوغدىلىشىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى ۋېنتەي تېخنولوگىيەسىنىڭ شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدىكى پېيى دۈشەنبە كۈنى %10 چۈشۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 68 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2025 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق