مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا توشۇيدىغان پويىز قېتىم سانى 50 مىڭدىن ئاشقان

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسالغۇسىز ھالدا ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توشۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 11-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىغان قېتىم سانى 50 مىڭغا يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانى ئىزچىل ئېشىپ ماڭغان. مەزكۇر نۆۋەتچى پويىزنىڭ قېتىم سانىنىڭ 10 مىڭغا يېتىشى ئۈچۈن 54 ئاي ۋاقىت كەتكەن بولسا، 40 مىڭدىن 50 مىڭغا كۆپىيىشىگە پەقەت 13 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بارغانسېرى زور كۆلەمدە ۋە تېز سۈرئەتتە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بۇ يىل قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان يۈك توشۇش مىقدارى 4 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %18 ئاشقان. چېگرادىن كىرىپ قايتىدىغان بىر خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئالماشتۇرۇش-قاچىلاش مەشغۇلاتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم تاماملىنىدىكەن.

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتلىرى، ئەقىل ئامبارلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق قانۇن-نىزام بېكىتمىگەنلىكى، سۈكۈت قىلغانلىقى، ھەتتا خىتي تەرەپتە تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى تۆمۈر يول، ھاۋا يولى قاتارلىق تىرانسىپورت ۋاسىتىلىرى بىلەن ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توختاۋسىز توشۇلماقتا. خىتاي بولسا بۇنى كاتتا نەتىجە سۈپىتىدە ئالاھىدە تەشۋىق قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 72 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2025 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق