شۆھرەت زاكىر شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» تەكىتلىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان، كېيىن خىتاي تەرىپىدىن بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن سابىق قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق قورچاق رەئىسى، نۆۋەتتىكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر مەخسۇس گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، 9-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ۋە مەخسۇس يىغىن ئاچقان.

شۆھرەت زاكىر يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» ھەققىدىكى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىنمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار بۇيرۇقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەكلىكى، خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە قىزىل گېننى مائارىپ، تۇرمۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە سىڭدۈرۈش ۋە كۈچلۈك تەشۋىق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

شۆھرەت زاكىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يەنە كورلا، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئويدۇرما تارىخلار ئارقىلىق ياساپ چىققان ئاتالمىش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېيلارنى زىيارەت قىلغان.

سابىق قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى نۇر بەكرىنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ بېشىدا رەسمىي رەئىس بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانىدى. 2021-يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز ۋەزىپىگە قويۇلغانىدى.

شۆھرەت زاكىر ۋەزىپىدىكى ئالتە يىل جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان تارىخىي جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەندە، شۆھرەت زاكىرمۇ مەزكۇر قارا تىزىملىكتىكى توققۇز كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

بۇ خەۋەر 68 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2025 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق