ئامېرىكا خىتاي نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا يېڭى چەكلىمە چىقارماقچى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىش-قايتىش لىنىيەسىدە رۇسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇشىنى چەكلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ئامېرىكىغا بېرىش-قايتىش لىنىيەسىدە ئىشلىتىشىگە يول قويۇش قارارىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. چۈنكى بۇ ئۇچۇش ۋاقتىنى، يېقىلغۇ سەرپىياتىنى قىسقارتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

رۇسىيە 2022-يىلى 3-ئايدا ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر رۇسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆز ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشىنى چەكلىگەن. رۇسىيە بولسا مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان چەت ئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشىنى چەكلىگەن. ئەمما خىتاي بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان.

ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى قاراپ چىقىلىۋاتقان بۇيرۇقىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ رىقابىتىگە كۆرۈنەرلىك پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خىتاي شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، شيامېن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى باشقۇرىدىغان، ئامېرىكىغا بېرىپ-قايتىدىغان بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە، جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى كۈن ۋاقىت بەرگەن ھەمدە ئاخىرقى بۇيرۇقنىڭ نويابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، دېلتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق خىتايغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

خىتايدىكى ئۈچ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ پاي باھاسى بۈگۈن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، جۈملىدىن خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ %1.3 تۆۋەنلىگەن. خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە خىتاي شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %1.26 ۋە %0.95 تۆۋەنلىگەن.

بۇ خەۋەر 83 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2025 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق