ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇسۇلى بىلەن خىتايغا قارشى تۇرۇشنى ئويلاشماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ياۋروپادىكى مەبلەغ سالغۇچىلىرىدىن ياۋروپا شىركەتلىرىگە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى سانائىتىنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى زورايتىشنى نىشان قىلغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەردار شەخسلەرنى مەنبە قىلىپ ئېيتىشىچە، بۇ تەدبىرلەر ماشىنىسازلىق، باتارېيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەملىك تېخنىكا، ياسىمىچىلىق سانائىتىدەك مۇھىم ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە خىتاينىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىدىن مەلۇم مىقداردىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاۋارلىرى ياكى ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن ۋە ياۋروپادىكى مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرىدىكەن.

خەۋەر مەنبەسى يەنە 11-ئايدا يولغا قويۇلۇشى كۈتۈلۈۋاتقان مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان شىركەتلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ نىشانى بولسا خىتاي ياسىمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ياۋروپا سانائىتىنى بېسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى بۇ تېمىغا دائىر ئۇنىۋېرسال دوكلات سۇنۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ئىزچىل تەرىقىدە خىتايدىكى ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى شىركەتلەرنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىش شەرتى قىلىش، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە شىركەت قۇرۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈرلۈك خىرىسلىرىغا دۇچ كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇل بىلەن، ئۆز شىركەتلىرىنى خىتاي ئېلىپ كەلگەن خىرىسلاردىن قوغداشقا تىرىشقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ياۋروپا-خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بازار پىرىنسىپىغا ئاساسەن سودا ھەمكارلىقى ئورنىتىشىنى قوللايدىغانلىقى، ئەمما دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەتلەرنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش، شىركەتنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە قول تىقىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2025 19:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق