قازاقىستاننىڭ بىر تاراتقۇ ئۆمىكى بۇ ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساختا تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بېرىلگەن.
قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، قازاقىستان تاراتقۇ ئۆمىكى زىيارەت جەريانىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. يىغىن جەريانىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى قازاقىستان بىلەن ئاخبارات، مېدىيا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە، قازاق تىلىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.
خەۋەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ 2004-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئالمۇتادىكى ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قازاق تىلىدا ئورتاق پىروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە قازاقىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايچە پىروگراممىلارنى قازاقچىگە تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلار قەيت قىلىنغان.
خىتاي ئەمەلدارلىرى يەنە 2026-يىلى خىتاي چاغىنى مەزگىلىدە قازاقىستاندىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ناخشىچىلار قاتناشتۇرۇلغان چاغانلىق كېچىلىك ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، 2023-يىلى ماي ئېيىدا ۋە بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى» نەتىجىسىدە، ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ كۆپىيىشى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان. خىتاي بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكتە.