قەستەن تارىخقا كۆمۈۋېتىلگەن ئازادلىق داھىيسى: «نېتاجى» سۇبھاس چاندرا بوس ۋە قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە (02)

ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي

2# - باب: زىندانلارنى يېرىپ چىققان ئىرادە ۋە ئەجەللىك يوللارغا ئاتلىنىش
ماقالىنى ئاڭلاش ئۈچۈن:

https://youtu.be/b0-O9-tc6so

ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتىيىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، سۇبھاس چاندرا بوس بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كۆزىدىكى ئەڭ خەتەرلىك تىكەنگە، ئۇلارنىڭ تاتلىق چۈشلىرىنى بۇزىدىغان قورقۇنچلۇق ئالۋاستىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھەر بىر نەپىسى، ھەر بىر قەدىمى يۈزلىگەن جاسۇسنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىدى. ئۇلار ئۇنى 11-قېتىم تۈرمىگە تاشلىدى، ئەمما تۈرمىنىڭ سوغۇق، زەھەرخەندە تاش تاملىرى ئۇنىڭ پولات ئىرادىسىنى بوغماقتا يوق، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ تاۋلاپ، تېخىمۇ ئۆتكۈر، ھەر قانداق زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلاشقا قادىر بىر قىلىچقا ئايلاندۇردى.

ئاخىرى، ئۇلار ئۇنى كالكۇتتادىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلدى. بۇ، تاشقى كۆرۈنۈشتە بىر «يۇمشاقلىق» بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە روھنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرىدىغان ئالتۇن قەپەس ئىدى. ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن گاندى تەرىپىدىن «ئىنتىزامسىز» دەپ قارىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇلغان بۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ قۇلىقىدا رابىندرانات تاگورنىڭ مۇڭلۇق ئەمما ئىرادىگە تولغان شۇ مىسرالىرى ياڭرايتتى: «ئەگەر سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھېچكىم ئاۋاز قوشمىسا، ئۇنداقتا يالغۇز ماڭغىن

ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كېچە-كۈندۈز كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئىنگلىز جاسۇسلىرى، بوسنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۈپ، كۈنلەپ ئۆيىدىن چىقماي «ئىبادەتكە بېرىلىپ كەتكەن»لىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاخىرى سۇنغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ سۈكۈتلۈك نەزەربەند ئاستىدا، بوسنىڭ قەلبىدە تارىختىكى ئەڭ دادىل، ئەڭ مۇكەممەل قېچىش پىلانىنىڭ ئۇرۇقى بىخ سۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ھىندىستاننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرالمايدىغانلىقىنى#، گاندىغا ئوخشاش ئۆزىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدىغان تەشكىلاتى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ بىردىنبىر قورالى بولغان ئاممىۋى قوللاشنىڭمۇ بۇ ئېمپېرىيالىستنى يېڭىشكە يەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. گويا بوس ئۈچۈن ئۆيى روھىنى چىرىتىدىغان تۈرمە ئەمەس، بەلكى كۈرەشنىڭ يېڭى سەھنىسىنى پىلانلايدىغان بىر پۇرسەت ئىدى. بۇ پىلان ئۈچۈن ئايلارچە ھازىرلىق قىلدى. ھەتتا پوشتۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە بىر پولاتتەك قارار پىشىپ يېتىلگەن ئىدى: «ئەگەر ھىندىستان تۇپرىقىدا دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئىمكان قالمىسا، مەن دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولسۇن، دۈشمەننىڭ دۈشمىنى بىلەن بىرلىشىپ، ئازادلىق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، چوقۇم ئانا ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىمەن

بۇ، تارىختىكى ئەڭ دادىل ۋە ئەڭ خەتەرلىك قېچىش پىلانىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. پىلاننىڭ ھەر بىر ھالقىسى ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەندى. 16-دېكابىر، چېگرادىن ئاتايىتەن كەلگەن مىئان ئەكبەر شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، پېشاۋار ئارقىلىق كابۇلغا قېچىش يوللىرىنى مۇقىملاشتۇردى. بېنگال پىدائىيلىرىدىن مايور ساتيا گۇپتا ۋە ساتيا رانجان باكشى پۇل ۋە كېرەكلىك ئەشيالارنى تەييارلاشقا كىرىشتى. بوسنىڭ سادىق جىيەنلىرى ئىلا، ئوروبىندو ۋە دۋىجېندرا قاتارلىقلار بۇ مەخپىي پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا جان تىكىپ ياردەم بەردى.

1941-يىلى 16 - يانۋارنىڭ مۇزدەك بىر كېچىسىدە، پۈتۈن كالكۇتتا شەھىرى قاراڭغۇ ئۇيقۇغا غەرق بولغاندا، بوس ئۆز پىلانى بويىچە بىر مۇسۇلمان پۇشتۇن دوستى «مۇھەممەد زىياۋۇددىن» نىڭ قىياپىتىگە كىرىپ، گاس-گاچا، ئۇزۇن ساقاللىق بىر مۇسۇلمان بوۋايغا ئايلاندى. بوس ئۆزىنىڭ تونۇلغان قىياپىتىنى، داڭلىق ئىسمىنى، پۈتۈن كىملىكىنى شۇ قاراڭغۇ ئۆيگە دەپنە قىلدى. پىلانىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ۋەتەننى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە سۆيۈملۈك ئانىسىدىنمۇ مەخپىي تۇتقان ئىدى. 17-يانۋار سەھەر سائەت 1:30 دا، ئۇ ئىلگىرى ھېچ سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ باقمىغانلىقى ۋە ئۇستا شوپۇرلۇقى ئۈچۈن ئاتايىتەن تاللانغان سادىق جىيەنى سىسىر بوس ھەيدىگەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئۆيىنى ھەممە ئەتراپتىن قورشاپ تۇرغان 62 نەپەر جاسۇسنىڭ كۆزىنى چاڭ-توزانغا تولدۇرۇپ، ئۆز ئۆيىدىن غايىب بولدى. جىيەنى سىسىر بوس ھەيدىگەن ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، ئۇ ئەمدى سۇبھاس چاندرا بوس ئەمەس، بەلكى كۆزلىرىدىن ھاياتنىڭ جاپا - مۇشەققىتى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدىغان بېچارە، ئەمما قەلبىدە بىر چوڭ سىرنى يوشۇرغان نامەلۇم بىر مۇسۇلمان يولۇچى ئىدى. ئۇلار ئىمپېرىيەنىڭ مەغرۇر ساقچىلىرى قۇرغان كۆزىتىش پونكىتلىرىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ھەر بىر ساقچىنىڭ ھورۇنلۇق بىلەن ئەسنەشلىرى — گويا بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئۆز قەبرىستانلىقىغا قاراپ قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. بۇ قېچىش پەقەت بىر شەخسنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدىنىڭ قۇللۇق قەپىسىنى پارە-پارە قىلىپ، ئەركىنلىك ئاسمىنىغا قايتىدىن پەرۋاز قىلىشى ئىدى!

بۇ قېچىش پەقەت جىسمانىي بىر قېچىش ئەمەس، بەلكى روھىي بىر ئازادلىق، بىر ئىمپېرىيەگە ئېلان قىلىنغان ئەڭ كۈچلۈك مەسخىرە ئىدى! ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدە قالدۇرۇپ قويغان بىر پارچە خېتى — ئۇنىڭ مۇقەددەس قەسىمى ئىدى: «مەن كېتىۋاتىمەن. قەيەرگە؟ بىلمەيمەن. قاچان قايتىمەن؟ بىلمەيمەن. ئەمما بىر ئىش ئېنىق: مەن قايتىپ كەلگەندە، يا ھىندىستان ئازاد بولغان بولىدۇ، ياكى مەن بۇ يولدا جان بېرىمەن». بۇ مەكتۇپ ئىشغالچى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان كۈچلۈك شاپىلاق ۋە ئىستىخبارات قۇرۇلمىسىغا قىلىنغان ئەڭ ئازابلىق مەسخىرە بولۇپ قالغان ئىدى.

ئۇلار ئالدى بىلەن بىھاردىكى بارارىغا بېرىپ، يەنە بىر جىيەنى دوكتور ئاسوك نات بوسنىڭ ئۆيىدە قىسقا ۋاقىت قالدى، ئاندىن گومو ۋوگزالىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يەردىن دېھلى-كالكا پوچتا پويىزىغا چىقىپ، 19-يانۋار پېشاۋارغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئانا يۇرتىنىڭ چېگراسىدىن ئايرىلىۋاتقاندا، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، مۇستەملىكە ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ۋەتەن تۇپرىقىغا ئاخىرقى قېتىم نەزەر سالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس، ئوت يېنىۋاتاتتى. قەلبىدە بىرلا قەسەم ياڭرايتتى: «ئەي ئانا ۋەتەن! مەن سېنى يا ئازاد قىلىمەن، ياكى شۇ يولدا جېنىمنى بېرىمەن! مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن، ئەمما يالغۇز ئەمەس، قولۇمدا ئازادلىق بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، يېڭىلمەس بىر ئارمىيە بىلەن قايتىپ كېلىمەن

ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئەجەللىك ۋە نامەلۇم بىر سەپەر كۈتۈپ تۇراتتى. ماشىنا، پويىز، ھەتتا قارلىق تاغلاردا پىيادە مېڭىپ، پېشاۋارغا يېتىپ كەلدى. پېشاۋاردا سادىق دوستى مىيان ئەكبەر شاھ ئۇنى كۈتۈۋالدى. ئۇنى كوممۇنىست پائالىيەتچى باگات رام تالۋار بىلەن تونۇشتۇردى. باگات رام ئۇنىڭغا «رەھمەت خان» دېگەن ساختا ئىسىم بىلەن ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى گاس-گاچا تاغىسى سۈپىتىدە كابۇلغا ئېلىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالدى. 26 - يانۋار، ئۇلار ھىندىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئافغانىستاننىڭ ئىنسان قەدىمى ئاز تەگكەن، قارلىق چوققىلىرى ئاسمانغا تاقاشقان، ھەر بىر جىلغىسىدا ئەجەل كۈتۈپ ياتقان خەتەرلىك تاغ يوللىرىغا قەدەم قويدى. بۇ 200 ئىنگلىز مىلىلىق سەپەر پىيادە، ئاچلىق، سوغۇق ۋە چارچاش بىلەن ئۆتتى. ئۇلار كۈندۈزى قارا نىيەت يول توسارلاردىن، كېچىسى بېرىتانىيەنىڭ قان ئىچەر جاسۇسلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئاچلىق، سوغۇق ۋە چارچاشلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئىلگىرىلەيتتى.

بىر قېتىم، ئۇلارنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالدى. ئۇلارنى تۇتۇۋالغان بىر توپ پۇشتۇن قەبىلىسى ئۇلارنى ئىنگلىز جاسۇسى دەپ گۇمان قىلىپ، ئۆلتۈرمەكچى بولدى. شۇ پەيتتە، بوس ئۆزىنىڭ گاس-گاچىلىق رولىنى تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا (پۇشتۇنچە) ئوتلۇق بىر نۇتۇق سۆزلىدى:

«بىز جاسۇس ئەمەس! بىز — سىلەرگە ئوخشاشلا، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنى دوغا تىككەن جەڭچىلەر! بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئورتاق. ئۇ بولسىمۇ بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى! مېنىڭ ئىسمىم سۇبھاس چاندرا بوس! مەن ھىندىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلغىلى يولغا چىقتىم

بۇ سۆزلەر چاقماقتەك گۈلدۈرلەپ، قەبىلە ئەزالىرىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار بۇ ئاددىي كىيىنگەن، ئەمما كۆزلىرىدىن يولۋاسنىڭ جاسارىتى يېنىپ تۇرغان بۇ ئىنساننىڭ كىملىكىنى ئاڭلىغاندا، دەرھال قوراللىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ قويدى. بۇ، بوسنىڭ يالقۇنلۇق روھىنىڭ ھەتتا ئەڭ قاراڭغۇ جىلغىلاردىمۇ ئۈمىد مەشئىلىنى ياقالايدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىدى.

@قار-بورانلىق كېچىدە بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە تىترەپ ئولتۇرۇپ، 31-يانۋار كابۇلغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى جاپا-مۇشەققەتلەر تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئۇ يەردە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە قۇرۇش ئۈچۈن ھەپتىلەپ، ئايلاپ كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە چاندىرا بوس سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەخپىي ئالاقە قۇرغان ۋە ئۇلاردىن ھىندىستانلىق ياشلارنى موسكۋاغا يۆتكەپ تەربىيەلەش ۋە ئىمپېرىيالىستلىققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ھەققىدە ۋەدە ئالغان ئىدى. ۋەدىگە بىنائەن، بوس ئافغانىستاندا رۇس ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋە ئۇلار ئۇنى موسكۋاغا ئېلىپ كېتىدىغان بولغان ئىدى. ئەمما بوس ئافغانىستانغا يېتىپ بارغاندا، سىتالىن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئىدى؛ ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ئىمپېرىيالىزمغا قارشى بىر دۆلەتنىڭ خىيانىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. چۈنكى رۇسلار گىتلېر گېرمانىيەسىگە قارشى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداشقا ئايلىنىش ئالدىدا ئىدى. سوۋېتنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىسى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ئىشىكنى تاقىۋالدى. ئەمدىلىكتە ئۆزى ئىشەنگەن دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دۈشمىنىنىڭ دوستىغا يەنى خەۋپكە ئايلانغان ئىدى.

دەرۋەقە، ئۆزى ئىشەنگەن دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دۈشمىنىنىڭ دوستىغا يەنى خەۋپكە ئايلانغان ئىدى. ھەر كۈنى تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى ئۇنىڭ كاللىسىدا خەنجەردەك ئېسىقلىق تۇراتتى. كابۇلنىڭ مۇزدەك كوچىلىرىدا، يات بىر قىياپەتتە، تاماق تاپالماي سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي قايغۇ ئازابىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز قولى بىلەن ئازاد قىلىشقا قەسەم قىلغان مىللىتىنىڭ روھىدىكى ئازابنىلا ئويلايتتى. ھەر قېتىم ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئۇنى يۇتماقچى بولغاندا، قۇلىقىدا ئانا ۋەتىنىنىڭ ئىڭرىغان ساداسى، كۆز ئالدىدا قۇللۇق ئىچىدە تۇغۇلۇپ، قۇللۇق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتقان 400 مىليون قېرىندىشىنىڭ چارىسىز سىماسى نامايان بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، پولاتتەك ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، نامەلۇم كەلگۈسىگە قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولاتتى.

ئىشەنگەن تاغقا قار ياغقان ئىدى. موسكۋادا ھىندىستان ياشلىرىنى قىسقا مۇددەتلىك كېرەكلىك ھەربىي تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنگە قايتىش شۇنداقلا قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتى باشلاش پىلانى ئافغانىستانغا كېلىشى بىلەنلا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يۈز ئۆرۈشى بىلەن پۈتۈنلەي سۇغا چىلاشقان ئىدى. ئەمدى ئۇ ئۈمىتسىزلىكتە چاچ يۇلۇپ ئولتۇرماي باشقىچە بىر پىلان تۈزمىسە بولمايتتى. ئاخىرى ئىشنى ئەينى چاغدىكى ياۋروپانىڭ بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى گېتلېر گېرمانىيەسىدىن باشلاشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

بۇ جەرياندا كابۇلدا تۇرۇشلۇق ھىندىستانلىق سودىگەر ئۇتتامچاند مالھوترا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىمۇ پەرۋا قىلماستىن ئۇنىڭغا پاناھلىق بەردى. ئاخىرى، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئەلچىخانىلىرى بىلەن قايتا قايتا مەخپىي كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە كۈتۈلگەن پۇرسەت يارىتىلدى. ئۇ بىر ئىتاليان دىپلوماتى «ئورلاندو ماززوتتا» نىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، 18-مارت كابۇلدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، ھىندىقۇش تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ سەمەرقەنتكە، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن موسكۋاغا، ئاخىرى 2-ئاپرېل بېرلىنغا يېتىپ باردى.

بېرلىنغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ياۋروپانىڭ سىياسىي سەھنىسىگە قەدەم قويغان بىر سىياسىي پاناھلانغۇچى ئەمەس ئىدى. ئۇ — ئۆز مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى، ئەسىرلەر بويى يىغىلغان غەزىپىنى ۋە يېڭىلمەس ئىرادىسىنى ئۆز يۈرىكىگە سىغدۇرۇپ كەلگەن بىر ئەلچى ئىدى! ئۇ گېرمانىيەنىڭ تەكەببۇر رەھبەرلىرى ئالدىدا، ھىندىستاننىڭ ئازابلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ ياردەم تىلىمىدى، بەلكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى شانلىق غەلىبىسىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باراۋەر بىر ھەمكارلىقنى ۋە ئىتتىپاقداشلىقنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئوت، سۆزلىرىدىكى قەتئىيلىك ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ — ئۇنىڭ ياردەم تىلىگۈچى ئەمەس، بەلكى بىر ئىمپېرىيەنى يىقىتىدىغان كۈچنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا، گەرچە قورالسىز ۋە تارقاق بولسىمۇ، 400 مىليونلۇق بىر مىللەتنىڭ قايناق روھى ۋە ئازادلىق ئارزۇسى بارلىقىنى ھېس قىلاتتى.

(داۋاملىشىدۇ....)

ئۈچىنچى باپتا، بوسنىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە دوستىدىن باشقا ھېچكىشى يوق تۇرۇغلۇق، ياۋروپادا قولغا كەلتۈرگەن دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرى، چەتئەلدە قۇرماقچى بولغان «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» پىلانىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.

________________________________________

خوش! ئەمدى قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىنى پەقەت بىر ھېكايە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىستراتېگىيىلىك دەرسلىك سۈپىتىدە تەھلىل قىلايلى!

چاندرا بوس داستانىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان سەككىز مەشئەل

توققۇزىنچى مەشئەل: پىسخىكىلىق زىنداننى بۇزۇپ تاشلاش — ھەرىكەت پارادىگمىسىنى ئۆزگەرتىش!

بوس ئۈچۈن كالكۇتتادىكى نەزەربەند — فىزىكىلىق بىر قەپەس ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ قەپەسنىڭ ئۆز روھىيىتىنى مەھبۇس قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمىدى. ئۇ نەزەربەندنى كۈرەشنىڭ ئاخىرلاشقان نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر كۈرەش باسقۇچىنى پىلانلايدىغان ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر مەركىزىگە ئايلاندۇردى. بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىمىز دىئاسپورادىكى فىزىكىلىق ئەركىنلىككە ئىگە بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز ياسىۋالغان پىسخىكىلىق زىندان ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. «خىتاي بەك كۈچلۈك»، «دۇنيا بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ»، «بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش قاراشلار — بىزنى ھەرىكەتسىزلىككە مەھكۇم قىلىۋاتقان كۆرۈنمەس، ئەمما پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم سىپىللاردۇر. بوسنىڭ قېچىشى بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇ: ھەقىقىي مەھبۇسلۇق — سىرتتىكى كىشەن ئەمەس، بەلكى قەلبتىكى قورقۇنچ ۋە ئۆزىنى چارىسىز ھېس قىلىشتۇر. بىز چوقۇم «قۇربان» پىسخىكىسىدىن «جەڭچى» پىسخىكىسىغا، پاسسىپ كۈتۈش ھالىتىدىن ئاكتىپ پۇرسەت يارىتىش ھالىتىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت پارادىگما ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، ئازادلىق يولىدا بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمەيمىز.

ئونىنچى مەشئەل: بارلىقىنى بېغىشلاش پرىنسىپى — ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاكادېمىك ئۆلچىمى!

بوس ئۆز غايىسى ئۈچۈن پەقەت مال-مۈلكىنى ياكى كەسپىنىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئورنى، شان-شۆھرىتى، ئائىلىسىدىكى خاتىرجەملىكى، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىكى بولغان «سۇبھاس چاندرا بوس» دېگەن ئىسىمدىنمۇ ۋاز كەچتى. بۇ، ھېسسىيات بىلەنلا بېرىلىدىغان بىر قۇربانلىق ئەمەس، بەلكى سوغۇق ئەقىل بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان بىر ئىستراتېگىيىلىك تاللاش ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، مىللەتنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت ئالىي نىشان ئالدىدا، شەخسكە ئائىت بارلىق نەرسىلەرنىڭ قىممىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىئاسپورادىكى بىخەتەر تۇرمۇشىمىز، ئۆرلەۋاتقان كەسپىي ھاياتىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىمىز — بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ۋەتەن داۋاسىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان «مۇرەسسە قىلىش» سەۋەبلىرىگە ۋە ئالتۇن كىشەنلەرگە ئايلىنىپ قالماقتا. ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك — مۇئەيەن كۈنلەردە بايراق كۆتۈرۈپ قويۇش ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا شۇئار توۋلاش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاكادېمىك ئۆلچىمى شۇكى: «مەن مىللىتىمنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ قايسى شەخسىي مەنپەئەتلىرىمنى، قايسى راھىتىمنى، ھەتتا قايسى پرىنسىپلىرىمنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويالايمەن؟» دېگەن سوئالغا بېرىلگەن ئەمەلىي جاۋابتۇر.

ئون بىرىنچى مەشئەل: گېئوسىياسىي شاھمات تاختىسىدا يول تېپىش — «رېئال سىياسەت» نىڭ قانۇنىيىتى!

بوس ناتسىست گېرمانىيەسى ياكى فاشىست ئىتالىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بېرلىنغا بارمىدى. ئۇ، خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئەخلاق ياكى ۋىجدان بىلەن ئەمەس، بەلكى رەھىمسىز مەنپەئەت ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ فورمۇلاسى ئىنتايىن ئاددىي ئىدى: «مېنىڭ دۈشمىنىمنىڭ (بېرىتانىيەنىڭ) دۈشمىنى، مېنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئەھۋالغا قاراپ ھەمكارلىشىدىغان دوستۇم بولالايدۇ».

بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر بىر ساۋاق. بىزنىڭ «دېموكراتىيە»، «كىشىلىك ھوقۇق» قاتارلىق قىممەت قاراشلارغا تايىنىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى كۈتۈشىمىز، كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنى ئالداش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. دۈشمىنىمىز خىتايغا قارشى تۇرۇشتا كىمنىڭ بىز بىلەن تاكتىكىلىق ياكى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق مەنپەئەتى بار؟ بىز ئۇلارغا نېمە بېرەلەيمىز؟ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ئۇلارنىڭ گېئوسىياسىي شاھمات تاختىسىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش، ھېسسىياتقا تايىنىپ دوست ۋە دۈشمەننى ئايرىشتىن ۋە دۆلەتلەرنى تىللاپ يۈرۈشتىن كۆپ مۇھىمدۇر. ئازادلىق كۈرىشى — ئەخلاق دەرسخانىسى ئەمەس، ئۇ رېئال سىياسەتنىڭ مۇزدەك مەيدانىدۇر.

ئون ئىككىنچى مەشئەل: چوڭ دۆلەتلەر خىيانىتىنىڭ ئاناتومىيىسى — ھەرگىز ھەممە تۇخۇمنى بىر سەۋەتكە سالماسلىق!

بوسنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ئىدى. ئەمما ئۇ ئافغانىستانغا بارغاندا، سىتالىننىڭ خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىققا دۇچ كەلدى. بۇ تارىخىي ۋەقە بىزگە چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك دوست ياكى مەڭگۈلۈك دۈشمەن يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلا بار. بىر كۈنى بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بىر دۆلەت، ئەتىسى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىزنى دۈشمىنىمىزگە ساتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بارلىق ئۈمىدنى بىرلا كۈچكە باغلاپ قويۇش — ئىستراتېگىيىلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر. ھەقىقىي مۇستەقىللىق يولى — كۆپ خىل كۈچلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ھېچقايسىسىغا مۇتلەق تايانماي، ئۆزىمىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئانوتومىيەسىنى يارىتىشقا تىرىشىشتۇر.

ئون ئۈچىنچى مەشئەل: نىقابنىڭ كۈچى ۋە ئىستراتېگىيىلىك دىنامىكا

بوسنىڭ «مۇھەممەد زىياۋۇددىن»غا ئايلىنىشى، پەقەت بىر فىزىكىلىق قىياپەت ئۆزگەرتىش ئەمەس. بۇ، بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن ھەر قانداق شەكىلگە كىرەلەيدىغان، ھەر قانداق ۋاسىتىنى قوللىنالايدىغان جانلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىمۋولىدۇر. دۈشمەن بىزنى مەلۇم بىر قېلىپتا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ (مەسىلەن: يىغلاپ قاقشاپلا يۈرىيدىغان مەزلۇملار). بىز دەل شۇ قېلىپنى چېقىپ تاشلاپ، دۈشمەن پەرەز قىلالمىغان يۆنىلىشلەردە، پەرەز قىلالمىغان شەكىللەردە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئاجىز كۈچنىڭ كۈچلۈك رەقىبىنى يېڭىشى ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئاسسىممېترىك (تەڭسىز) ئۇرۇش تاكتىكىسىدۇر. ھەرىكىتىمىز بەزىدە ئاشكارا، بەزىدە مەخپىي؛ بەزىدە سىياسىي، بەزىدە مەدەنىيەت؛ بەزىدە قاتتىق، بەزىدە يۇمشاق بولۇشى مۇمكىن. مۇھىمى، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قايسى نىقابنى تاقاش كېرەك بولسا، شۇنى تاقىيالايدىغان جانلىقلىققا ئىگە بولۇش لازىم.

ئون تۆتىنچى مەشئەل: شەخس — مىللىي ئىرادىنىڭ گەۋدىلىنىشى

بوس ئافغانىستاننىڭ تاغلىرىدا يالغۇز كېتىۋاتقاندا، ئۇ فىزىكىلىق جەھەتتىن بىر ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆز قەلبىدە 400 مىليون ھىندىستانلىقنىڭ ئارزۇسىنى، غەزىپىنى ۋە ئىرادىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ۋە گەۋدىلەندۈرگەن بىر ئەلچى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى شەخسىي ئەمەس، بەلكى مىللىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. دىئاسپورادىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ ئۆزىنى «مەن پەقەت بىر ئادەم» دەپ قارىماسلىقى كېرەك. سىز ياشاۋاتقان دۆلەتتە، سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىز، بىلىمىڭىز، غەيرىتىڭىز ۋە مەيدانىڭىز — پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئوبرازى ۋە ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بىر ئادەم بىر ئارمىيە بولالايدۇ، ئەگەر ئۇ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى تۇرغانلىقىنى ھېس قىلالىسا ۋە شۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالىسا.

ئون بەشىنچى مەشئەل: ئازابنى ئىستراتېگىيىلىك يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش

بوس كابۇلدىكى ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە روھى چۈشكۈنلىككە مۇبتىلا بولمىدى، ئەكسىچە بۇ ئازابلار ئۇنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ ئوتىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر قىيىنچىلىق — ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان بىر ئاتەش، نىشانىغا بولغان ئىشەنچىسىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازابى، ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ دەردى — بۇلار بىزنى ئۈمىدسىزلىك دېڭىزىغا غەرق قىلىدىغان تاش ئەمەس، بەلكى ئازادلىق كېمىمىزنى ئالغا ئىتتىرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك يېقىلغۇ بولۇشى كېرەك. بۇ گويا بىر ئالكېمىيىلىك (كىمياگەرلىك) جەريان: قوغۇشۇندەك قىممەتسىز ئازابنى، ئالتۇندەك پارلايدىغان ئىنقىلابىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش دېمەكتۇر. ئازاب ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرۇش — قۇربانلارنىڭ ئىشى. ئازابنى غەزەپكە، غەزەپنى پىلانغا، پىلاننى بولسا توختاۋسىز ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشھەقىقىي مۇجاھىد، غازىلارنىڭ ئىشى.

ئون ئالتىنچى مەشئەل: باياننى قورال قىلىپ ئىشلىتىش — مەزلۇملۇق ھېكايىسىدىن غەلىبە ھېكايىسىگە ئۆتۈش

بوس پۇشتۇن قەبىلىسىگە يولۇققاندا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى سۆزلەپ ھېسداشلىق تىلىمىدى. ئۇ ئۇلارغا ئورتاق دۈشمەننى كۆرسىتىپ، ئورتاق كەلگۈسىنى سىزىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سەپدىشىگە ئايلاندۇردى. بۇ، باياننىڭ (narrative) كۈچىدۇر. بىز دۇنياغا پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مەزلۇم ئىكەنلىكىمىزنى سۆزلەۋەرسەك، دۇنيا بىزگە ئىچ ئاغرىتىش بىلەنلا جاۋاب بېرىدۇ. ھېسداشلىق — تۈگەيدىغان بىر بايلىق، ھۆرمەت بولسا — مەبلەغ سېلىنىدىغان بىر كاپىتالدۇر. ھېسداشلىق ھەرگىز ھەقىقىي ئىتتىپاقداشلىقنى يارىتالمايدۇ. بىز چوقۇم ئۆز بايانىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بىز پەقەت يوقىتىلىۋاتقان بىر مىللەت ئەمەس، بەلكى زۇلۇمغا قارشى ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغان، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا بەل باغلىغان، كەلگۈسىدە دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئىستراتېگىيىلىك شېرىك بولالايدىغان يېڭىلمەس بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلالىشىمىز لازىم. دۇنيا ئاجىزلارغا رەھىم قىلىدۇ، سەدىقە بېرىدۇ ئەمما پەقەت كۈچلۈكلەر ۋە غەلىبە قىلىش ئىرادىسى بارلار بىلەنلا ھەمكارلىشىدۇ.

 

بۇ خەۋەر 46 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2025 20:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق