چاقماق خەەر

خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تېبابەت مۇنبىرىدە ئۇيغۇر تېبابىتى تىلغا ئېلىنمىدى

14-، 15-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغىنىغا قارىماي، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا-رېتسېپلىرى خىتاي تېبابىتى قاتارىدا تونۇشتۇرۇلغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق مۇنبەرگە خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان. مۇنبەردە خىتاي-غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى دورىلار ئۆلچىمىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، كىلىنىكا ھەمكارلىقى، ئاتالمىش «ساغلاملىق يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

خىتاي مۇنبەردە بۇرۇنقىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاپ، ساغلاملىق، تېبابەت ساھەسىدىكى ئاتالمىش «ئۇتۇقلىرى»نى تەشۋىق قىلغان. خەۋەردە خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق خىتاي تېبابىتى تەرەققىيات پىلانى»غا ئاساسەن، ئۆزبېكىستاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى خىتاي تېبابىتى مەركىزىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، ئاتالمىش «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي تېبابىتى كۇرسى ئېچىپ، خادىملارنى تەربىيەلىگەنلىكى، «زۇكام جەۋھىرى»گە ئوخشاش بىر قىسىم دورىلارنىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئەنگە ئېلىنىپ، بازارغا سېلىنغانلىقى، مەزكۇر دۆلەتلەردە خىتاي تېبابىتى بويىچە تەربىيەلەنگەن  دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ 5000 غا يېتىدىغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلار قەيت قىلىنغان.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە دىققەت تارتىدىغان نۇقتا مەزكۇر مۇنبەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىككە ئالاقىدار بولۇشىغا قارىماي، ئۇزۇن تارىخقا، ئۆزىگە خاس تېبابەتچىلىك نەزەرىيەسىگە ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى بولۇپ، «زۇكام جەۋھىرى» قاتارلىق دورىلار قەيت قىلىنغاندىمۇ پەقەت ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى جۇڭيى دورىلىرى» دېگەن ئىبارە قوللىنىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىگىمۇ قارا قولىنى سوزغان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، خىتاي دورىگەرلىك شىركەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسېپلىرىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە شۇنداقلا نەزەرىيەۋى ئاساسى خىتاي تېبابىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتاي تېبابىتىنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ، خوتەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدا خىتاي تېبابىتى تەتقىقات ئورگانلىرىنى، شىپاخانىلارنى مەجبۇرىي كېڭەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 104 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2025 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق