بىر نەچچە ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان تۈركىيەلىك ژۇرنالىست، يازغۇچى تاھا قىلىنچنىڭ «يىتكەن جۇغراپىيە ئىزىدە: شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» ناملىق كىتابى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
كەتەبە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 13-ئۆكتەبىر تاكسىم جامەسىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. تاھا قىلىنچ كىتابىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۆزى بىۋاسىتە شاھىت بولغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن يازغانلىقىنى بايان قىلىپ: «يولغا چىققاندا بىر نەچچە سوئالىم بار ئىدى: بىرىنچىسى، ئىبادەت ئەركىنمۇ؟ ئىككىنچىسى، مەسچىتلەر، ئىبادەت ئورۇنلىرى ئوچۇقمۇ؟ ئۈچىنچىسى، كوچىلاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجابلىنىش ئەركىنمۇ؟ ئەپسۇس، بىز مەسچىتلەرنى تاقاق ھالەتتە كۆردۇق، مەسچىتلەردە نامازمۇ ئوقۇيالمىدۇق. كوچىلاردا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكىنى كۆردۇق» دېدى.
تاھا قىلىنچ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىتابىنى يېزىشتا ئۈچ نۇقتىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بىرىنچىسى، ئۇ يەردە نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈش، ئىككىنچىسى، كەلگۈسىگە بۈگۈن نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق قالدۇرۇش، ئۈچىنچىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا خوتەنگە ئوخشاش تارىختىن بۇيان دىنىي مۇھىت قويۇق بولغان بىر يۇرتتا بىرمۇ ھىجابلىق ئايال كۆرمىگەنلىكى، قەشقەردە قاۋاقخانىلارغا، ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا، رېستورانغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن نۇرغۇن بىنا، ئىمارەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنىڭ بۇرۇن مەسچىت ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۆزى زىيارەت قىلغان جايلاردىكى يوقىتىلغان مەسچىتلەرنىڭ ئورنىنى بىرمۇبىر جەزملەشتۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر كىتابنى تەييارلاشتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جانلىق چۈشىنەلىشى ئۈچۈن، تاھا قىلىنچ ئۆزى تارتقان 300 دىن ئارتۇق سۈرەتنىمۇ كىتابقا كىرگۈزگەن. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، قۇرۇلغان دۆلەتلەر، مۇھىم تارىخىي شەخسلەر قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ كىتابتىن ئورۇن ئالغان.
ژۇرنالىست تاھا قىلىنچ شەرقىي تۈركىستان سەپىرىدىن كېيىن تۈرلۈك نەق مەيدان پىروگراممىلىرى ۋە يىغىنلاردا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان بىر قىسىم تۈركىيەلىك خىتايپەرەس ئاخبارات خادىملىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى.