چاقماق خەەر

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ چېگرا بىخەتەرلىكىنى تەكىتلىدى

خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان چېن ۋېنچىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ 10-ئۆكتەبىردىن 14- ئۆكتەبىرگىچە خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قاتتىق قوغداش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

چېن ۋېنچىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ساقچىخانا، قوراللىق قىسىم قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئاتالمىش «خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسى ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش» قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش، بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىش، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش» كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

چېن ۋېنچىڭ يەنە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە قاتتىق تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلارنىڭ رايىشلىقى ئارقىلىق چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.

چېن ۋېنچىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇن، ئەتراپىدىكى ئەھۋال مۇرەككەپ بىر شارائىتتا، ئاتالمىش «سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى»نىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكى، ئاتالمىش «زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قاتتىق جازالاشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش» كېرەكلىكى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چېگراغا يېقىنلىشىپ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، قايتا ئېقىپ كىرىش يوللىرىنى توسۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

چېن ۋېنچىڭ بۇندىن ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا كۆپ قېتىم بارغان بولۇپ، جۈملىدىن بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ۋە بۇلتۇر ماي ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش»نى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.

بۇ خەۋەر 111 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2025 01:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق