بىر نەچچە ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان تۈركىيەلىك ژۇرنالىست، يازغۇچى تاھا قىلىنچنىڭ «يىتكەن جۇغراپىيە ئىزىدە: شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» ناملىق كىتابى تۈركىيەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ۋە قىزىقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئېچىپ تاشلانغان كىتاب تۈركىيەدىكى كىتاب يەرمەنكىلىرى، ھەرخىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى، تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 19-ئۆكتەبىر كەچتە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى بىلەن جەم بولدى. پائالىيەت سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئوبۇلقاسىم زەرەپشان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە تۈركىيە خەلقىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن سەھنىگە چىققان كىتابنىڭ ئاپتورى تاھا قىلىنچ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سەپىرىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرى، خىتايلارنىڭ خىلمۇخىل تەكشۈرۈش ۋە توساقلىرىدىن قانداق ئۆتكەنلىكى ۋە ساق-سالامەت تۈركىيەگە كەلگەنلىكى قاتارلىق كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ مەزكۇر كىتابنىڭ يېزىلىش باسقۇچىدىن تارتىپلا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ كۆپ قېتىم ھەرخىل يوللار بىلەن نەشر قىلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئاخىرى بۇنى توسۇشقا كۆزى يەتمىگەن خىتاينىڭ كىتابنى بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈرۈش، خاتا مەزمۇنلارنى تۈزىتىش، كىتابنىڭ ئىسمىنى «شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» ئەمەس، «شىنجاڭ ساياھەتنامىسى» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا قەدەر نومۇسسىز تەلەپلەردە بولغانلىقىنى بىرمۇبىر قەيت قىلىپ ئۆتتى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتتە نەشر قىلىنىدىغان بىر كىتابتىكى مەزمۇنلارغا بۇنچىلىك ئارىلىشىش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ھەتتا كىتابنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، «كىتابتا خاتا مەزمۇنلار بار، چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك، كىتاب ئېلان قىلىنسا خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ» دېگەندەك ئەخمىقانە بايانلىرى ۋە قاتتىق جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەرخىل سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بىر قىسىم قاتناشقۇچىلارغا ئاپتورنىڭ ئىمزاسى بىلەن مەزكۇر كىتاب سوۋغا قىلىندى.
شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ۋە باشقا شەخىسلەر ئاپتورغا تەشەككۈر يۈزىسىدىن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدە ئادەتتە بىر كىتاب تۇنجى نەشرىدە 3000-1000 ئەتراپىدا بېسىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىتاب 10 مىڭ تال بېسىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا تۈگەپ كەتكەن ۋە نۆۋەتتە ئىككىنچى قېتىم بېسىلىشقا بېرىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر