خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇلاڭ-تالاڭلىرى داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاينىڭ مۇھىم ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى قاتارىدا كۈچەپ ئىجرا قىلىنماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ بىرى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتە «غەربىي قىسىم ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە يەنە ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاشلىق خىزمىتى سىياسىتىدە «ئۆزىنى تويۇندۇرۇش» ئاساس قىلىنىپ كەلگەنلىكى، 2022-يىلى بۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى، يەنى «تەڭپۇڭ بولۇش، بىر ئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن ئاتالمىش «ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» سىياسىتىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، 2024 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 23 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىپ، خىتاي بويىچە 13-ئورۇندا تۇرغانلىقى، 2022-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە ئاشلىق ساپ يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ جەمئىي 14 مىليون 170 مىڭ توننىغا يېتىپ، «خىتاي بويىچە ئاشلىقنى ساپ يۆتكەپ چىقىرىدىغان يەتتە ئۆلكىنىڭ بىرى»گە ئايلانغانلىقى، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بىردەك خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.
خىتاي مەزكۇر ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقى چەكلىمىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.
غايەت زور نوپۇسقا ئىگە خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاشلىق بايلىقىنىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىغا بوز يەرلەرنى قالايمىقان ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، دېھقانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر يوشۇرۇنماقتا.