چاقماق خەەر

ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللۇقىغا قارشى كېلىشىم ئىمزالىدى

 ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە سىيرەك توپا ۋە باشقا مۇھىم كان مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان يېڭى كېلىشىم ئىمزالىدى. مەزكۇر كېلىشىم خىتاينىڭ سىيرەك توپا ساھەسىدىكى مونوپوللۇقىغا قارشى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس 20-ئۆكتەبىر ئىمزالىغان مەزكۇر كېلىشىمگە ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ  يارىتىدىغان قىممىتى 53 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. كېلىشىمدىكى ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە كەلگۈسى ئالتە ئاي ئىچىدە بىرلىكتە ئۈچ مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ئالاقىدار تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدىكەن.

گەرچە تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن تارتىپلا ئاۋسترالىيە بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، باش مىنىستىر ئالبانېس بۇ قېتىملىق كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

سىيرەك توپا ماتېرىياللىرى دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى، ئۆزەك، ئاپتوموبىل قاتارلىق ھەل قىلغۇچ ساھەلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي پۈتۈن دۇنيادىكى سىيرەك توپا قېزىش مىقدارىنىڭ %70 نى، سىيرەك توپا پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ %90 نى ئىلگىلىگەن بولۇپ، بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈش، ئۆچ ئېلىش كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە.

خىتاي يېقىندا يەنە سىيرەك توپا ئېكسپورتىغا قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغانىدى. پىرېزىدېنت تىرامپ خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، كېلەر ئايدىن باشلاپ خىتاي ئىمپورت ماللىرىدىن %100 قوشۇمچە تاموژنا باج ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتايغا تەھدىت سالغانىدى.

بۇ خەۋەر 112 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2025 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق