خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 3 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنى تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى جەمئىي 3 مىليون 236 مىڭ ئادەم قېتىم چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن قاتناش-تىرانسپورت ۋاسىتىلىرى 1 مىليون 236 مىڭ ئاپتوموبىل (پويىز، ئايروپىلان) قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %37.3 ۋە %20.8 ئاشقان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ» چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايروپورتى، غۇلجا ئاۋىياتسىيە چېگرا ئېغىزى ھەمدە ئەركەشتام، تورغات، باقتۇ، دولاتا، قاراسۇ، قونجىراپ، ئۇلاستاي قاتارلىق توققۇز چېگرا ئېغىزىدا تەكشۈرگەن چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار سانى 2024-يىلىدىكى ئومۇمىي مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايروپورتى، غۇلجا ئاۋىياتسىيە چېگرا ئېغىزى ھەمدە قورغاس، تورغات، ئەركەشتام، قاراسۇ، دولاتا، تۆمۈرتام، ئۇلاستاي قاتارلىق توققۇز چېگرا ئېغىزىدا چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار سانى، قاتناش قوراللىرىنىڭ سانىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قوش ئېشىش كۆرۈلگەن. خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن-چىققانلار 7 مىليون 839 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.9 ئاشقان.
سىجىل ئېشىۋاتقان چېگرا ھالقىغان خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشى ئالدىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭ» چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 18 چېگرا ئېغىزىدا بىر قاتار كۆپ خىللاشقان تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ «ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «ۋاقىت ئۇزارتىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس يولى ھەمدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا قارىتىلغان تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى توختاۋسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش لىنىيەلىرىنى كۆپەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىش، خىزمەت تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇۋۋەت قوشۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تاموژنىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر