ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 1-نويابىردىن باشلاپ خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ %155 كە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە خىتاي ئۈچۈن يۇقىرى نىسبەتلىك باجنىڭ «كۆتۈرۈپ بولالمايدىغان» ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ساباھ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ 1-نويابىردىن باشلاپ خىتايغا %155 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يۇقىرى باجنىڭ خىتاي ئىقتىساد ئۈچۈن «داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان» ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ چارىنى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قوغداش مەقسىتىدە يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس خىتاينىڭ سىيرەك توپا مونوپوللۇقىغا قارشى كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىرامپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە ئىنتايىن ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تاموژنا بېجى سۈپىتىدە ناھايىتى زور مىقداردا پۇل تۆلىگەنلىكىنى، شى جىنپىڭ بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزغا قارايمىز» دېگەنىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «مېنىڭچە بىر كېلىشىم تۈزەلەيمىز. ئۇلار بىزنى سىيرەك توپا بىلەن قورقۇتتى، مەنمۇ ئۇلارنى باج بىلەن قورقۇتتۇم، ئەمما ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ قورقۇتالايمەن، مەسىلەن، ئايروپىلانلار بىلەن. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن زاپچاس تاپالمايۋاتىدۇ» دېگەنىدى.
تىرامپ بۇ سۆزنى قىلىش بىلەن بىرگە يەنە مەزكۇر كۆرۈشۈشنىڭ ھېچ ئەمەلگە ئاشماسلىق ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلغان.
سىيرەك توپا ماتېرىياللىرى دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى، ئۆزەك، ئاپتوموبىل قاتارلىق ھەل قىلغۇچ ساھەلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي پۈتۈن دۇنيادىكى سىيرەك توپا قېزىش مىقدارىنىڭ %70 نى، سىيرەك توپا پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ %90 نى ئىلگىلىگەن بولۇپ، بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم چۈشۈرۈش، ئۆچ ئېلىش كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر