قەستەن تارىخقا كۆمۈۋېتىلگەن ئازادلىق داھىيسى: «نېتاجى» سۇبھاس چاندرا بوس ۋە قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە (03)
3-باب: بۆرىلەر ئۇۋىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك غەلىبە ۋە «ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتى» روھىنىڭ تۇغۇلۇشى
ماقالىنى ئاۋازلىق ئاڭلاش ئۈچۈن:
ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي
ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى ئۆيىدىن تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى، پۈتكۈل بېرىتانىيە ئىستىخبارات ئىمپېرىيەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە سادىق ئائىلە ئەزالىرى، ئۇ قېچىپ 12 كۈن ئۆتكۈچە ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كۆرۈنۈشتە توختىماي تاماق ئېلىپ كىرىپ، بوش قاچىلارنى قايتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھېلىھەم قاتتىق نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىدەك مۇكەممەل بىر تەسىراتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ئىدى. بۇ سىر شۇ قەدەر مەخپىي ۋە پولاتتەك چىڭ ساقلانغانكى، ھەتتا بوسنىڭ ئۆز ئانىسىمۇ جىگەر پارىسىنىڭ بۇ ئەجەللىك، قايتىشى نامەلۇم سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى سېزەلمىگەن ئىدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاخىرى 27-يانۋار كۈنى، ئۇ سوت مەھكىمىسىگە كەلمىگەندىلا ئاندىن بايقىدى ۋە بۇ خەۋەر ئەينى ۋازدىكى ھىندىستان گېزىتلىرىدىن باشقا رويتېرس ئاگېنتلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تېزلىكىدە يايىلىپ، چوڭ تەسىر قوزغىدى.
ئۇنىڭ كابۇلدىكى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرى، ئىشەنچ باغلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكىنى رەھىمسىزلەرچە تاقىۋېلىشى بىلەن تېخىمۇ مۈشكۈللەشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازادلىق يالقۇنى ۋە ئىرادىسى قىلچە سۇسلاپ قالمىغان ئىدى. گېرمانىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن، ئاخىرى ئىتالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن «ئورلاندو ماززوتتا» ئىسىملىك يېپيېڭى بىر كىملىككە ئېرىشىپ، ئۆز ھاياتىنى قايتىدىن باشلىدى. دەل مۇشۇ جەرياندا، ھەممە يەرنى تىڭتىڭلاپ يۈرگەن بېرىتانىيە ئىستىخباراتى ئۇنىڭ كابۇلدا ئىكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنى ئافغانىستاندىن ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق گېرمانىيەگە كېتىدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلىپ، يوللارغا ئۆلۈم توزاقلىرىنى قۇرۇپ، سۇيىقەستچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئەمما نېتاجى، دۈشمەننىڭ بارلىق ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ۋە توزاقلىرىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر بىر ئىستراتېگىيەچى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ھەرگىز كەلمەيدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇ 18-مارت كابۇلدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، قارلىق ھىندىقۇش تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ سەمەرقەنتكە، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن قىزىل ئىمپېرىيەنىڭ يۈرىكى موسكۋاغا، ئاندىن موسكۋادىن يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ، 1941-يىلى 2-ئاپرېل كۈنى، فاشىزم گۈللەنگەن بېرلىنغا سالامەت يېتىپ كەلدى.
بېرلىنغا كەلگۈچە بولغان ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك سەپەر جەريانىدا، بوس ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئىنچىكە ھالقىلارغىچە تۈزۈپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچ پولاتتەك ئاساسلىق نىشانى بار ئىدى: بىرىنچى، سۈرگۈندە «ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتى»نى قۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قانۇنىي ۋە سىياسىي ئاساس سېلىش؛ ئىككىنچى، ياۋروپانىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ ئۆز ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ۋە ھىندىستاندىكى قۇللۇق ئىچىدىكى مىللىتىگە ئاڭلىتىش؛ ئۈچىنچى، قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى دائىرىسىدە، ھىندىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش.
بېرلىن — ئۈچىنچى رېيخنىڭ پولاد يۈرىكى، پۈتكۈل ياۋروپانى تىترەتكەن ئەجەللىك ھەربىي ماشىنىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئىدى. بۇ شەھەرگە قەدەم باسقاندا، سۇبھاس چاندرا بوس بىر سىياسىي پاناھلانغۇچى ياكى ياردەم تىلىگۈچى ئەمەس، بەلكى قەلبىدە 400 مىليونلۇق بىر مىللەتنىڭ ئۆچمەس ئازادلىق يالقۇنىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئەلچى، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلغۇچى بىر ۋەكىل ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە ياردەم تىلەپ ئەمەس، بەلكى «دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مېنىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشىمدۇر» دېگەن مۇزدەك رېئال سىياسەت (Realpolitik) قانۇنىيىتى بويىچە، باراۋەر بىر ھەمكارلىقنى، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر ئىتتىپاقداشلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بېرلىندە كۆزلىگەن ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى شىمالىي ئافرىقىدا گېرمانىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ۋە گېرمانىيەدە ئەسىرلەر لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ھىندىستانلىق ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئازادلىق جەڭچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى. چۈنكى ئۇ، ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇلىنى دەل شۇ جەڭلەردە چېنىققان تەجرىبىلىك جەڭچىلەردىن قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى. ئۇ ھاكاۋۇر گېرمان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى ئەسىرلەر لاگېرىغا ئاپىرىپ قويۇشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە بولغان قۇللۇق ساداقىتىنى يۇيۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى تىكىدىغان قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. گېرمان ئەمەلدارلىرى گەرچە بۇنى بىر مۇمكىن بولمايدىغان خام خىيال دەپ قارىسىمۇ، بوسنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە پولاتتەك ئىشەنچىسى ئالدىدا، ئۇنىڭ ئەسىرلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول ئېچىپ بەردى.
بوس ئەسىرلەر لاگېرىغا كىرگەندە، ئۇنى قارشى ئالغان نەرسە قۇچاق ئاچقان قېرىنداشلار ئەمەس، بەلكى نەپرەت، گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان كۆزلەر بولدى. ئەسىرگە چۈشكەن بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن بوس، ئۆزلىرى قەسەم قىلغان بىرىتانىيە پادىشاھلىقىغا خىيانەت قىلىپ، دۈشمەن بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بىر «ساتقۇن»، گېتلېرنىڭ «جاسۇسى» ۋە مىللەتنىڭ «يۈز قارىسى» ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ: «بىز بېرىتانىيە پادىشاھىغا ساداقەتمەنلىك قەسىمى ئىچكەن ئەسكەرلەر! سەن بىزنى ئۆز قەسىمىمىزگە، ئۆز نامۇسىمىزغا خىيانەت قىلىشقا قايمۇقتۇرغىلى كەلدىڭمۇ؟» دەپ ۋارقىراشتى.
بۇ مۇزدەك سوغۇق قارشى ئېلىش ئالدىدا، نېتاجى قىلچە ئۆزىنى يوقاتمىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن لاگېرنى، ھەتتا ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى:
«ھەي، قېرىنداشلىرىم! توغرا، سىلەر قەسەم ئىچتىڭلار! ئەمما بىر ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ قەسىمىڭلار سىلەرنى، ئاتا-بوۋاڭلارنى ئەسىر قىلغان، ئانا يۇرتۇڭلارنىڭ جان تومۇرىنى ئۈزۈپ، بايلىقىنى بۇلاپ كەتكەن بىر چەتئەللىك ئىشالىيەتچى پادىشاھلىققىمۇ؟ ياكى سىلەرنى باققان، سىلەرنى ئۆز قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇقەددەس ئانا ھىندىستانغىمۇ؟ بېرىتانىيە سىلەرگە نېمە بەردى؟ ئۇلار سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن ئوق ئورنىدا ئىشلىتىپ، جانلىق قالقان قىلماقتا! بۈگۈن مەن سىلەرنى خىيانەتكە ئەمەس، ئەڭ ئالىي، ئەڭ مۇقەددەس ساداقەتكە — ئانا ۋەتەنگە بولغان ساداقەتكە چاقىرىمەن! ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار! قۇللۇقنىڭ كىشەنلىرىنى پارە-پارە قىلىپ، ئازادلىق جەڭچىلىرىنىڭ مۇقەددەس فورمىسىنى كىيىڭلار! تارىخ بىزگە ئالتۇن بىر پۇرسەت سۇندى، دۈشمىنىمىز ئۆزئارا ئۇرۇش ئىچىدە، دەل ھازىر بىز ئۆز زەنجىرىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز يازىدىغان پەيىت! مەن بىلەن بىللە مېڭىڭلار، دېھلىدە غەلىبە مارشىنى بىرلىكتە ياڭرىتايلى!»
ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى گويا ئوقتەكلا، ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچ ۋە ئىككىلىنىش تېمىنى بۆسۈپ ئۆتتى. كۆزلەردىكى نەپرەت ئاستا-ئاستا ھۆرمەتكە، ئاندىن ھاياجانغا، ئاخىرىدا ئوتلۇق بىر ئىشەنچكە ئايلاندى. بىر ئەسكەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆكسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ: «جەي ھىند!» (ھىندىستانغا زەپەر!) دەپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەيۋەتلىك ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن لاگېر «نېتاجى زىندائاباد! (يىشاسۇن نېتاجى!)»، «ئازاد ھىندىستان زىندائاباد!» دېگەن شۇئارلار بىلەن گۈلدۈرلىدى. شۇ كۈنى، 4500 ئەتراپىدا ئەسىر ئەسكەر، بېرىتانىيەنىڭ ياللانما ئەسكىرى بولۇشتەك نومۇسلۇق كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، «ئەركىن ھىندىستان لېگىيونى»نىڭ تۇنجى، ئەمما شەرەپلىك جەڭچىلىرىگە ئايلاندى.
ئەسكەرلەرنى قايىل قىلغاندىن كېيىن، نېتاجى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ھىندىستانغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئەمەلدار ئادام ۋون تروتنىڭ ياردىمى بىلەن «ئازاد ھىند مەركىزى»نى (Free India Centre) قۇردى. 1941-يىلى 2-نويابىر، بۇ مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ تۇنجى ئاساسى سېلىندى. شۇ كۈنى 5 مۇھىم، تارىخىي قارار ئېلىندى:
1 - ھەرىكەتنىڭ رەسمىي نامى «ئازاد ھىند» بولىدۇ؛
2 - دۆلەت مارشى «جانا گانا مانا» بولىدۇ؛
3 - دۆلەت بايرىقى؛ ئۈستىگە غەزەپ بىلەن سەكرەپ تۇرغان يولۋاسنىڭ سۈرىتى چېكىلگەن ئۈچ رەڭلىك بايراق بولىدۇ.
4 - ھىندىستانلىقلار ئارىسىدىكى سالاملىشىش شەكلى «جەي ھىند!» (ھىندىستانغا زەپەر!) بولىدۇ؛
5 - سۇبھاس چاندرا بوسقا «نېتاجى» (ئۇلۇغ داھىي) دېگەن مۇقەددەس ئۇنۋان بېرىلىدۇ.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ئارزۇسى ۋە تەقدىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن مەڭگۈلۈك باغلىنىپ كەتتى.
لېكىن گېتلېر، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا قىلچە ئۇنىمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر كىتابى (مېنىڭ كۈرىشىم) دە، ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاننى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ماختاپ، ھىندىستانلىق ئازادلىق جەڭچىلىرىنى «ئاسىيالىق سېرىكچىلەر» دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى.
بوس گېتلېر بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەندە، بىرىنچى بولۇپ بۇ ھاكاۋۇرلۇققا قارشى ئۆز مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش بىلەن سۆزىنى باشلىدى.
1942 - يىلى 29-ماي، بۇ تارىخىي ئۇچرىشىش ئەمەلگە ئاشتى. بۇ — ئىككى كۈچلۈك ئىرادىنىڭ، ئىككى پەرقلىق دۇنيا قاراشنىڭ تىركىشىشى ئىدى. بوس، ھەممە ئادەم كۆرۈشۈشتىن قورقىدىغان، بىرەر خاتا سۆز ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىپ كاللىسىنىڭ ئېلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، پۈتۈن دۇنيانى تىترەتكەن دىكتاتورنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كىتابىدىكى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن قىلچە قورقمىدى.
بوس: (قول ئېلىشقاندىن كېيىن) ئالىيلىرىنىڭ ئىتىرازى بولمىسا، بىر كۆزىتىشىمنى تىلغا ئالسام بولامدۇ؟
گېتلېر: ئەلۋەتتە.
بوس: بەلكىم ئالىيلىرىغا ھىندىستان ۋە ھىندىستانلىقلار ھەققىدە خاتا ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. «مېنىڭ كۈرىشىم» ناملىق كىتابىڭىزدا: «مەن بىر گېرمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھىندىستاننى باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۆرگەندىن كۆرە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۆرۈشنى ئەۋزەل كۆرىمەن» دەپ يازدىڭىز.
گېتلېر: (كەمسىتىش بىلەن كۈلۈپ) چۈنكى سىلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق تۇرۇپ، گاندىنىڭ پاسسىپ قارشىلىقىغا ئوخشاش ئەخمىقانە قاراشلار بىلەن قورقۇنچاقلارچە ھەرىكەت قىلىۋاتىسىلەر. ھىندىستانغا كېرەكلىكى بۇ ئەمەس. ھىندىستاننىڭ كۈن تەرتىپى مۇنداق بولۇشى لازىم: بىرىنچى، ئەنگىلىيەنى يوقىتىش. ئىككىنچى، رۇسلاردىن ھەزەر ئەيلەش. ئۈچىنچى، ياپونىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش. بۇنى قىلغاندىن كېيىنلا دۆلىتىڭىزنى تەشكىللەپ، قايتا قۇرۇپ چىقالايسىز. بۇنىڭغىمۇ ئەڭ ئاز يۈز يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر بىز گېرمانلاردەك تىرىشىپ ئىشلىگەن تەقدىردە.
بوس: (ئاۋازىدا پولاتتەك قەتئىيلىك بىلەن) ئالىيلىرى، مەنمۇ ھاياتىم بويىچە سىياسەت ئىچىدە بولدۇم. مەن بۇ يەرگە سىزگە ئورتاق دۈشمەنگە قارشى كۈرىشىڭىزدە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدىم، نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس.
گېتلېر: (غەزەپلەنسىمۇ سىرتىغا چىقارماي) ھە، ھە. گېرمانىيە ۋە ھىندىستاننىڭ دۈشمەنلىرى بىر: بېرىتانىيە ۋە رۇسىيە. ئەلۋەتتە ئەنگىلىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭىز كېرەك، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەگە ۋە سىزلەردىكى پاندىت نېھرۇغا ئوخشاش قىزىل پاچاقلارغا دىققەت قىلىشىڭىز لازىم. كوممۇنىزم يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك بولغان بىر ئىللەتتۇر.
بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، نېتاجى گېتلېرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ھەربىي غەلىبىدىن بەكرەك تەشۋىقات غەلىبىسى قازىنىش ئىكەنلىكىگە، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا چىن دىلىدىن ئىشەنمەيدىغانلىقىغا تولۇق كۆز يەتكۈزدى. بولۇپمۇ 1942-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشقا باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ ياردىمىمۇ ئاستا-ئاستا ئازايدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلار سېپىگە قوشۇلۇشى بىلەن، ئۇنىڭ ياۋروپادىكى پىلانلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى دەرھال شەرققە — ھىندىستانغا يېقىن بولغان، ياپونىيەگە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تېكىلدى.
شۇڭا ئۇ گېتلېر بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى ۋە گېرمانىيەدىكى 4500 كىشىلىك ھىندىستان ئازادلىق ئارمىيەسى قىسمىنى ئاسىياغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
بوس: ئالىيلىرى، مېنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن بىر ئايروپىلان تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟
گېتلېر: دۇنيانىڭ يېرىمىنى بىر ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ ئۆتمەكچىمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس! ئايروپىلان دۈشمەنلەر تەرىپىدىن يول ئۈستىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ ئەڭ ئەخمىقانە بىر ئىش. سىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بىر يول تېپىشىمىز كېرەك. (سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ) بۇنىڭدا سەپەر قىلىپ باققانمۇ؟ بۇ U-bot دېيىلىدۇ، دېڭىزنىڭ ئاستىدا ماڭىدۇ. بۇنى ئېلىپ، ۋاسكو دا گامادەك ئافرىقىنى ئايلىنىپ كونا يول بىلەن كېتىڭ. بىز ھىندىستانغا ئۆزگىچە بىر پۇرسەت سۇنىۋاتىمىز. ئەمدى ئەنگىلىيە بويۇنتۇرۇقىدىن رۇسلارنىڭ قولىغا چۈشمەيلا قۇتۇلالايسىز.
بۇ گېتلېرنىڭ قىلغان ئەڭ ئاقىلانە ياردىمى ئىدى. نېتاجى ئۈچ ئاي داۋاملاشقان ئەجەللىك، خەتەرلىك بىر سۇ ئاستى پاراخوتى سەپىرى ئارقىلىق، 1943-يىلى 11-ماي كۈنى توكيوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردىن ئېلان قىلغان رادىئو نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوتلۇق ئاۋازى ھىندىستاندىكى مىليونلىغان قەلبلەرگە قايتىدىن ئۈمىد ۋە جاسارەت ئوتىنى ياقتى. 4-ئىيۇل كۈنى، ئۇ شەرقىي ئاسىيادىكى ھىندى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. سىنگاپوردا، ياپونىيەنىڭ قولىدىكى 40,000 كىشىلىك ھىندى ھەربىي ئەسىرلىرىدىن «ئازاد ھىند فەۋج» ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى INA نى قۇرۇپ، بۇ شانلىق ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولدى.
داۋاملىشىدۇ.....
تۆرتىنچى بۆلۈمدە، بوسنىڭ ياۋروپا ۋە گېرمانىيەدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۇېڭى بىر يول خەرىتىسى ۋە ئىستىراتېگىيە بىلەن ياپونىيەگە يۆتكىلىشى، ياپۇنىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۈرۈشۈپپ، ئىلگىرىكىدەك ھىنسىستانلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئۇرىزىغا پىچكە ئورنىدا ئىشلەتمەسلىككە، بەلكى پۈتۈن ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇتلەق مۇستەقىللىقىنى قوللاشقا قايىل قىلىشى، تولۇق ۋە ئاشكارا ياردەم ۋەدىسى ئالغاندىن كېيىن، رەسمىي ئۇرۇشقا ئاتلىنىشى ئۈستىدە توختىلىمىز.
________________________________________
قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان يېڭى مەشئەللەر
17- مەشئەل: سۈرگۈندىكى دۆلەت — كەلگۈسىنى بۈگۈن بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسى.
بوس بېرلىندا تۇرۇپلا مۇستەقىل دۆلەتنىڭ بارلىق سىمۋوللىرى (نام، مارش، بايراق، سالام) نى ئېنىق بېكىتتى. بۇ، شەكىلۋازلىق ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك بىر سىياسىي ۋە پسىخولوگىيەلىك ئۇرۇشتۇر. ئۇ «بىز بىر كۈنى دۆلەت قۇرىمىز» دېمىدى، بەلكى «بىز ھازىر دۆلەت» دېگەن رېئاللىقنى ياراتتى. بىز ئۈچۈن دەرس شۇكى: سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلاتلار پەقەت بىر ۋەكىللىك ئورگىنى بولۇپ قالماستىن، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ بارلىق ئاساسلىرىنى، ئورگانلىرىنى، قانۇن لايىھەلىرىنى ۋە مىللىي كىملىك سىستېمىسىنى بۈگۈندىن باشلاپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. دۇنيا بىزنى قۇربانلار توپى ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار، تەشكىللىك بىر دۆلەت ئورگىنى سۈپىتىدە كۆرگەندىلا، بىزگە سىياسىي ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
18- مەئشئەل: مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىيە — ئىدېئولوگىيەلىك زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ تاشلاش.
بوس فاشىست گېرمانىيەسى ۋە ئىمپېرىيالىست ياپونىيە بىلەن ھەمكارلاشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بېرىتانىيەگە قارشى تۇرۇشىدىن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بىزمۇ كۈرىشىمىزدە «دېموكراتىيە» ياكى «ئىسلامچىلىق» قاتارلىق ئىدىولوگىيەلىك تالاش تارتىشلارغا تېخى دۆلەت قۇرۇلماستىن ئۆزىمىزنى مەھبۇس قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىردىنبىر ئۆلچەم: قايسى دۆلەت ياكى كۈچنىڭ مەنپەئەتى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىدۇ ۋە بىزگە قانداق ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىك يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟ دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئەڭ پايدىلىق ۋاسىتىمىز بولالايدۇ. دىپلوماتىيەدە مەڭگۈلۈك دوست ياكى دۈشمەن يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك مىللىي مەنپەئەت بار.
19- مەشئەل: قىممەت يارىتىش — تىلەمچىلىكتىن ھەمكارلىققا ئۆتۈش.
بوس گېتلېرنىڭ ئالدىغا بارغاندا، «بىزگە ياردەم قىلىڭ» دەپ يالۋۇرمىدى، بەلكى «مەن سىزگە ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدىم» دېدى. ئۇ ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى بىر يۈك ئەمەس، بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىك سۈپىتىدە تونۇشتۇردى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ خەلقئارا جامائەتكە ئۆزىمىزنى پەقەتلا زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ياردەمگە موھتاج بىر مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىز خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە ياكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن قانداق ئىستراتېگىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قىممەت يارىتالايدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. ھېسداشلىق پەقەت ۋاقىتلىق، ئەمما ئورتاق مەنپەئەتكە قۇرۇلغان ھەمكارلىق مۇستەھكەم بولىدۇ.
20 - مەشئەل: مەغلۇبىيەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش — دۈشمەننىڭ ئەسكىرىنى ئۆز ئارمىيەڭگە ئايلاندۇرۇش
گاندىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك نەزىرىيەسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىراتىيەنىڭ ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىش قارىشى ۋە ھىندىستانلىقلارنىڭ بىراتىيە ئەسكەرلىرە سىپىگە قېتىلىشىغا سۈكۈت قىلىشى بىلەن بېرىتانىيە ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ ئەسىرگە چۈشكەن 40 مىڭدىن ئارتۇق ھىندى ئەسكىرى، ھىندىستان ئۈچۈن بىر نومۇس ۋە مەغلۇبىيەت ئىدى. نېتاجى بۇ نومۇسنى شان-شەرەپكە، بۇ مەغلۇبىيەتنى كۈچكە ئايلاندۇردى. ئۇلارنى «ئازاد ھىند فەۋج» ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسىىنىڭ يادروسى قىلدى. بىز ئۈچۈن دەرس شۇكى: دىئاسپورادىكى ھەر بىر ئۇيغۇر، باشقا ئېقىملارنىڭ سېپىگە قوشۇلغان ھەر بىر مۇجاھىد ھەتتا لاگېرلاردىن چىقىپ قېچىپ كەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر بىر قۇربان ئەمەس، بەلكى خىتايغا قارشى كۈرەشنىڭ پوتېنسىياللىق بىر جەڭچىسى، بىر گۇۋاھچىسى ۋە بىر كۈچ مەنبەسىدۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارنىڭ روھىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى ۋە يېتىمسىراشنى ئۆچۈرۈپ، قەلبىگە كۈرەش ئوتىنى يېقىش ۋە ئورتاق ئەقىلدە بىرلىشىشتۇر.
21 - مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىق — بىر ئىشىك تاقالسا، يەنە بىر ئىشىكنى تېپىش.
بوسنىڭ ئەسلى پىلانى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىش ئىدى، ئەمما ئۇ ئىشىك تاقالدى. كېيىن گېرمانىيەگە باردى، ئەمما گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسىياغا — ياپونىيەگە يۈزلەندى. بۇ، بىر رەھبەرنىڭ ئەڭ مۇھىم خىسلىتىدۇر. بىزنىڭمۇ داۋايىمىزدا بىر دۆلەتكە ياكى بىر پىلانغا باغلىنىپ قالماشلىقىمىز كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىر يول تۇسۇلۇپ قالسا، ئۈمىدسىزلەنمەي، دەرھال يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى، يېڭى يوللارنى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم. ئازادلىققا بارىدىغان يول پەقەت بىرلا ئەمەس.
22 - مەشئەل: رەھبەرنىڭ جان پىدالىقى — ئەڭ خەتەرلىك يولدا ئالدىدا مېڭىش.
بوس بىخەتەر بىر ئايروپىلاندا ئەمەس، ئۈچ ئايلىق ئەجەللىك سۇ ئاستى كېمىسى سەپىرىدە ئۆلۈمگە كۆكرەك كېرىپ ئاسىياغا باردى. بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ قوماندانلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن مىڭلىغان نۇتۇقتىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى دوغا تىكىش ئارقىلىق، ئازادلىقنىڭ قانداق بەدەل تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ دىئاسپورادىكى رەھبەرلىرىمىز ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزمۇ راھەت، بىخەتەر جايلاردا تۇرۇپ شۇئار توۋلاش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى كېرەك. خەلق پەقەت ئۆزى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار رەھبەرگىلا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى بېرىدۇ. ھەقىقىي رەھبەرلىك — سۆز بىلەن ئەمەس, بەدەل تۆلەش بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.
23 - مەشئەل: ئىچكى دۈشمەننى ئايدىڭلاشتۇرۇش — غۇرۇر ۋە ساداقەت قارىشىنى قايتا بېكىتىش.
ئەسىر ئەسكەرلەر بوسنى «ساتقۇن» دەپ ئەيىبلىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ساداقەت ئۆلچىمى «بېرىتانىيە پادىشاھلىقى» ئىدى. بوس ئۇلارنىڭ بۇ خاتا ساداقەت قارىشىنى چېقىپ تاشلاپ، ھەقىقىي ساداقەتنىڭ «ئانا ۋەتەن»گە بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئويۇپ بەردى. بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ، دۈشمەننىڭ تەشۋىقاتى ياكى قورقۇتۇشى بىلەن «خىتايغا ساداقەتمەن بولۇشنى ياكى «تىنچ ئۆتۈش» نى توغرا دەپ قارايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭمۇ ۋەزىپىمىز — خائىنلىق بىلەن ساداقەتنىڭ، قۇللۇق بىلەن ئەركىنلىكنىڭ، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن مىللىي غۇرۇرنىڭ ئۆلچەملىرىنى قايتىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ھەقىقىي ساداقەتنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانغىلا بولىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانىغا يەتكۈزۈشتۇر.
24 - مەشئەل: ئاۋازنىڭ قۇدرىتى — پۈتۈن دۇنيانى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش.
بوس بېرلىندىن، توكيودىن رادىئو ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزى جىسمانىي جەھەتتە يېتىپ بارالمىغان ھىندىستاندىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ قەلبىگە يېتىپ باردى ۋە ئۇلارنى ئويغاتتى. بۇ، زامانىۋى تېخنىكىنىڭ كۈرىشىمىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىز پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇپرىقى ئەمەس. ئىنتېرنېت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، خەلقئارا مېدىيالارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىزدۇر. بىز بۇ مەيدانلارنى ئىشقا سېلىپ، ئاۋازىمىزنى دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىغا، ئەڭ مۇھىمى، ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا ۋە يۈرىكىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۈمىد ئوتىنى مەڭگۈ ئۆچۈرمەسلىكىمىز لازىم. بىر مىللەتنىڭ ئاۋازى ئۆچمىگۈچە، ئۇ مىللەت ئۆلمەيدۇ.