تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتقان خىتاي بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە يەنە ئاتالمىش «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى ۋۇ زېڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بىلەن خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاتالمىش «خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش، قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي ئەمەلدارلار يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى ئىكەنلىكى، بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، قىممەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈش، ئاتالمىش «خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»نىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
يىغىنغا بەش تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق ئالىي مەكتەپ، خىتايدىكى ئوندىن ئارتۇق قانۇنشۇناسلىق ئالىي مەكتىپى(فاكۇلتېتى)دىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەسئۇللىرى قاتناشقان.
يىغىندا يەنە «خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنشۇناسلىق مائارىپى ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان ۋە «خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئاقىل ئىدارە قىلىش تۈگۈنى» قوزغىتىلغان ھەمدە 13 ئاساسىي مەقسەت دوكلاتى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، مائارىپ، قانۇن، سەھىيە، سودا قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپلىگەن يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، يەنە كېلىپ بۇ يىغىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە.