تىرامپ ھۆكۈمىتى خاتىرە كومپيۇتېردىن تارتىپ ئايروپىلان ماتورىغىچە يۇمشاق دېتال ئىشلىتىلىدىغان ئىنتايىن كەڭ مەھسۇلات تۈرلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ چارە خىتاينىڭ يېقىندا يولغا قويغان سىيرەك توپا ئېكسپورت چەكلىمىسىگە قارشى چارە دەپ باھالانماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر پىلان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ بۇ ئاينىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان «ھالقىلىق يۇمشاق دېتال» ئېكسپورتىنى چەكلەش تەھدىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى ئامېرىكا يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلىتىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەر شارى بويىچە خىتايغا يەتكۈزۈلۈشى چەكلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
10-ئۆكتەبىردە تىرامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدىن خىتاي مېلىغا %100 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە ھەر خىل ھالقىلىق يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن يېڭى ئېكسپورت كونتروللۇقىنىڭ 1-نويابىردا كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئەمما تىرامپ تۈنۈگۈن 10-ئۆكتەبىردىكى مەزكۇر سۆزىنى يېڭىلاپ، 1-نويابىردىن باشلاپ خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ %155 كە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن كۆتۈرۈپ بولالمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.
مەنبەلەر بۇ پىلاننىڭ تېخى جەزملەشمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇنداق بىر چارىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا-خىتاي سۈركىلىشىنى كەسكىن كۈچەيتىش ئېھتىماللىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر