
كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى تاكائىچى سانائې 21-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش ۋەزىرلىكىگە سايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر بولۇشى، خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى قاتارلىق نۇقتىلار دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئەلى)نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە بۇرۇنقى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى، يەنى ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە قايتا تەيىنلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى. ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.
ياپونىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر ھېسابلىنىدىغان تاكائىچى سانائې 1990-يىلىدىن تارتىپ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە سىياسىي سەھنىگە قەدەم باسقان. ئۇ خىتايغا قاتتىق قول سىياسىيونلاردىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەيبېيگە بېرىپ، تەيۋەن ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك كابىنېتتا بۇرۇنقى ۋەزىپىسىگە داۋاملىق قويۇلغان ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە ئېرى 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياپون تىلىدىن باشقا، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە ئوقۇغان، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئۇ 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى ئۇدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2024-يىلى نويابىردا ياپونىيە دۆلەت پارلامېنتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن.
ئەرفىيە ئېرى ياپونىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم تېلېۋىزىيە سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىي قەدەم باسمىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ، خۇسۇسەن ياپونىيەنىڭ خىتاينى تېخى تولۇق چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىنى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۈجمەل مەيدانىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.