
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ 2020-يىلى ئىمزالانغان سودا كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن سودا تەكشۈرۈشى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئائىت ئۇچۇرغا ئىگە ئىككى مەنبەگە تايانغان خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ 2020-يىلدىكى سودا كېلىشىمىگە ماسلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقى يېزىلدى.
خەۋەردە خىتاينىڭ تىرامپنىڭ بىرىنچى مەزگىلىدە ئىمزالانغان سودا كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن باشلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان تەكشۈرۈشنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىندى.
خەۋەردە تەكشۈرۈشنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى ۋە كېلىشمەسلىككە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى باھالانغان بولۇپ، بۇ چارىنىڭ تىرامپ ۋە شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ھەپتە ئەمەلگە ئېشىشى كۈتۈلگەن كۆرۈشۈشى ئالدىدا كەلگەنلىكىگە دىققەت نۇقتىسى بولدى.
خەۋەردە بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ تاماملىنىشىغا بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى، سويا پۇرچىقى، ئېنېرگىيە، مۇلازىمەت ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىندى.
تىرامپ شى بىلەن ئىنتايىن ئادىل بىر كېلىشىمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر سودا كېلىشىمى تۈزىدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، كېلىشىمگە ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا خىتايغا 1-نويابىردىن باشلاپ %155 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قوللىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنىدى.
تىرامپ يەنە: «مېنىڭچە بىر كېلىشىم تۈزۈپ كېتەلەيمىز. ئۇلار بىزنى سىىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى بىلەن قورقۇتتى، مەنمۇ ئۇلارنى باج بىلەن قورقۇتتۇم، ئەمما ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ قورقۇتالايمەن، مەسىلەن ئايروپىلانلار بىلەن. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن زاپچاس تاپالمايۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنىدى.