
خىتاي بۇ ھەپتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرىنى قانداق سىستېمىلىق، پىلانلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 22-ئۆكتەبىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا بۇ ساھەدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلانغان ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە مەزكۇر ئورگان قۇرۇلغان 35 يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى چۆرىدەپ كەلگەنلىكى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈنسېرى كۈچەيتىپ كەلگەنلىكى تەكىتلىنىش ئارقىلىق، مەزكۇر ئاسسىمىلياتسىيە ئاپپاراتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
يىغىندا خىتاي ئەمەلدارلىرى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كوممۇنىزم ئىدىيەسى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، ياش-ئۆسمۈرلەرنى كوممۇنىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى، بۇ جەرياندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش» كېرەكلىكى، «قىزىل گېن»غا ۋارىسلىق قىلىش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي كۆپلەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» بولسا ئاتالمىش «خىتاي دۆلىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، خىتايچە سوتسىيالىزمنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش، باستۇرۇش جىنايەتلىرىدە بۇ شوئارىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەجبۇرىي تېڭىپ كەلمەكتە. ئاتالمىش «ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى»غا ئوخشاش ئورگانلار خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.