ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

26-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان ساراچخانە مەيدانىدا ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

«شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار» تېمىسىدىكى مەزكۇر نامايىشنى پىكىر ۋە مۇجادىلىدە بىرلىك مۇنبىرى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، يەسەۋى ئالپېرەنلەر ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ژۇرنالىستلار، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيە خەلقى ئىشتىراك قىلدى.

نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن تەشكىلات ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش، خەلققە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىش، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق نۇقتىلارنى تەكىتلەشتى.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان تونۇلغان دىنىي ئالىم، يازغۇچى دوكتور ئېھسان شەنئوجاكمۇ سۆز قىلىپ،  نەچچە ئەسىردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، دىنىي باستۇرۇشلىرىنى توختىتىش پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نامايىش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قىلىنغان ئورتاق دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

بۇ خەۋەر 104 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2025 20:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق