ئامېرىكا بىلەن خىتاي كېلىشىم ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى ئالدىنقى شەنبە مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لامپۇردا باشلانغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ سىيرەك توپا، تاموژنا بېجى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت 26-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى كېچىكتۈرۈشنى ۋە ئامېرىكىدىن سويا پۇرچاق سېتىۋېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا يۇقىرى نىسبەتلىك تاموژنا بېجى قويۇشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئالدىنقى ھەپتىلەردە خىتايغا تەھدىت سېلىپ، خىتاي سىيرەك توپا ئېكسپورتىغا ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئالاقىدار تېخنىكىلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتسە، كېلەر ئايدىن تارتىپ خىتايغا %100لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. سىكوت بېسېنت بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەنچە بىز بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىپ قالدۇق» دېگەن.

سىكوت بېسېنت خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى قايتىدىن باھالاش ئۈچۈن، سىيرەك توپا ئېكسپورت كونترولىنى بىر يىل كېچىكتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زور مىقداردا سېتىۋېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، بۇنىڭغا جاۋاب سۈپىتىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا %100 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارارىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۆھبەت جەريانىدا يەنە فېنتانىل، TikTok قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

كېلىشىمنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە، تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 30-ئۆكتەبىر كورېيەدە كۆرۈشىدىغانلىقى قارار قىلىنغان. خىتاي سودا ۋەكىلى لى چېڭگاڭمۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشتا دەسلەپكى قەدەملىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

بۇ خەۋەر 107 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2025 20:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق