خىتاينىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ خامچوتىغا قول تىققانلىقى ئاشكارىلاندى

پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولغان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى مۇلازىمىتى (ISHR) بۇ ئايدا ئېلان قىلغان «ب د ت دىكى خامچوت جېڭى» ناملىق دوكلاتتا خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمەتلىرى ئۈچۈن فوند ئاجرىتىشنى توسۇشقا قايتا-قايتا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

دوكلاتتا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئۇلار يېتەكلەپ ماڭغان بىر قىسىم كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ خامچوتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىش ۋە ب د ت نىڭ بەزى تەكشۈرۈشلىرىگە فوند ئاجرىتىشنى توختىتىش تەكلىپىنى سۇنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە 2021-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تەكلىپتە، جەنۋەدە ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان تەخمىنەن 17 تۈرنىڭ مەبلىغىنى توسۇش مەقسەت قىلىنغان. خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر 2024-يىلى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر تەكلىپتە ئىران، شىمالىي كورېيە، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، ئېرىترېيە، سۇدان ۋە ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان بارلىق تەكشۈرۈشلەرگە خىراجەتنى توختىتىش مەقسەت قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرى مەزكۇر تەكلىپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆرنەك ياراتقانلىقىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىن بەكرەك، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۈزلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گەرچە بۇ ئۇرۇنۇشلار ئاخىردا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرى يەنىلا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ب د ت نىڭ خامچوتىغا قارشى قورالغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يەنە كېلىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلىشى سەۋەبلىك، مەزكۇر ئورگاندىن ئاستا-ئاستا چېكىنىشكە باشلىغان. بۇ يۈزلىنىشمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ رەقىبلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلات نەچچە ئونلىغان دىپلومات، مۇتەخەسسىس ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ۋە ب د ت نىڭ 2019-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئاشكارا ۋە مەخپىي ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا يېزىلغان.

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە 48 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن»لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنداقتىمۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ئورگاننى تەنقىد قىلىپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ خەۋەر 95 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2025 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق