
ئامېرىكىنىڭ تېلېگراف نازارەت، كونترول ئورگىنى «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سەۋەب بىلەن يېڭى قارار چىقىرىپ، خىتاينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا چەكلىمىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى 28-ئۆكتەبىر ئۈچكە قارشى نۆل ئاۋاز بىلەن خىتاي تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىگە قارشى يېڭى بىر قارار ماقۇللىغان. مەزكۇر قاراردا «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زاپچاسلىرى مەۋجۇت بولغان ئۈسكۈنىلەرنى تەستىقلاشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، كومىتېتنىڭ يەنە ئالاھىدە ئەھۋالدا، بۇندىن ئىلگىرى تەستىق ئالغان زاپچاسلارغىمۇ چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرەلەيدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى بۇندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي، جۇڭشىڭ، خىتاي كۆچمە ئالاقىسى، خىتاي تېلېگرافى قاتارلىق شىركەتلەرنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ بولغان.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى بىرېندان كار (Brendan Carr) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، تور بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل رەقىبلىرى ئىزچىل تەرىقىدە سىستېمىمىزدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ كەلدى» دېگەن.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى ئاساسلىق تور سودا سۇپىلىرىدىن ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن خىتاي ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەچچە مىليونلىغان تىزىملىكىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنىدى.