گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي بىلەن سىيرەك توپا قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭغا بېرىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپتىن يېتەرلىك سۆھبەت ئوبيېكتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، خىتاي سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېفۇلنىڭ 26-ئۆكتەبىر پىلانلانغان خىتاي سەپىرىنى ئاخىرقى پەيتتە بىكار قىلىشىنى «ئاپەت خاراكتېرلىك پەيت» دەپ سۈپەتلەپ، گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يىرىكلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇخبىرلارغا بۇ قارارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ پەقەت ۋاڭ يىنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە زورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچرىشىشنى ئېنىق بېكىتمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

خىتاي گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە گېرمانىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھۆرمەت كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىدا يوھان ۋادېفۇلنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ مەنتىقلىق بىر قارار ئىكەنلىكى، ئەمما ئەمەلدىن قالدۇرمىغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى چەكلىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئانالىز خەۋەرلىرىدە يەنە گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ خىتاينىڭ سىيرەك توپا مەنبەسىگە ئېغىر دەرىجىدە بېقىنىپ قالغانلىقى، گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتايدىن سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن، سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، بۇ ئۇچۇرلار خىتاينىڭ گېرمانىيە سانائىتىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى بايقىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى، ياۋروپانىڭ خىتاي مەسىلىسىدە چوقۇم «كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى» كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 96 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2025 14:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق