
تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات، مېدىيا ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان سەككىز تاراتقۇ خادىمى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 26-ئۆكتەبىردىن 28-ئۆكتەبىرگىچە شەرقىي تۈركىستانغا «زىيارەت»كە بارغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيەدىكى مىللەت گېزىتى، سۆزچى گېزىتى، جۇمھۇرىيەت گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، CNNتۈركچە قانىلى رىياسەتچىسى قاتارلىق سەككىز كىشىلىك ھەيئەت خىتاي ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان ساختا تەشۋىقات زىيارىتىدە بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىنى، شىركەتلەرنى. رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ۋە ئاتالمىش «ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»نى زىيارەت قىلغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە مەزكۇر ئاخبارات خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرساھەدىكى تەرەققىياتلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى، خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ماختىغانلىقى، بازالاردىكى قاينام-تاشقىنلىقلارنى ھەرگىزمۇ سۈنئىي ياساپ چىقىلغان دەپ قارىمايدىغانلىقى، كۆرگەنلىرىنى تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەرگەنلىكى قاتارلىق بىلجىرلاشلار ئورۇن ئالغان.
خىتاي ئالدىنقى ئايدىمۇ بىر قىسىم تۈركىيەلىك ئاخبارات خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا ساختا تەشۋىقات زىيارىتىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات خاراكتېرلىك بايانلىرىنى تەكرارلاپ، خىتايغا ماسلاشقانىدى. يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە، خۇسۇسەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات، مېدىيا ئورگانلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تاللاپ، پىلانلىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى ئارقىلىق، تۈركىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.