شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى نېفىتلىك 70 يىلدىن بۇيان توختاۋسىز تالان-تاراج قىلىنماقتا

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك بولغان قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بۇرغىلاشقا باشلانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئالاھىدە خاتىرىلەپ، تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان قاراماي نېفىتلىكىنىڭ 1955-يىلى 29-ئۆكتەبىردىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، 70 يىلدىن بۇيان توختاۋسىز بۇرغىلىنىپ، نېفىت قۇدۇقىنىڭ 37 گە يەتكەنلىكى، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېقىنقى 24 يىلدىن بۇيان ئۇدا ئون مىليون توننىدىن يۇقىرى بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 70 يىل مابەينىدە پەقەت قاراماي نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان خام نېفىت جەمئىي 470 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز 112.1 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن. خىتاي يەنە ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش، بۇرغىلاش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، يەر ئاستى تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، غايەت زور تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،خىتايغا توشۇش جىنايىتىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا ۋە بۇنى شەرقىي تۈركىستاننى «تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنى بېيىتىش» ئۇتۇقلىرى سۈپىتىدە پەردازلاپ تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى، بۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىشانى سۈپىتىدە يوقىتىلماقتا.

بۇ خەۋەر 74 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2025 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق