لاگېر شاھىتىنىڭ تۇغقىنى «ياقتۇرۇش» باسقانلىقى سەۋەبلىك تۈرمىگە قامالغان

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، چەت ئەلدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى كۈچلۈك دەرىجىدە پاش قىلغان، بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاپ، دۇنياغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ جىيەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ياقتۇرۇش بەلگىسىنى باسقانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن فېيسبۇك ھېسابىدا ئاشكارىلىشىچە، كىچىك ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ چوڭ ئوغلى خالمۇرات خېلىل خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى كۈەيشوۋدا زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئوغلىنىڭ سۈرىتىگە يۈرەك بەلگىسىنى باسقانلىقى ئۈچۈن، سەككىز ئاي بۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن. خالمۇرات خېلىل ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر ياش بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، نازارەت قىلىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان شاھىتلاردىن قانداق ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىمۇ دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

زۇمرەت داۋۇت يازمىسىدا چوڭ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىمۇ نەچچە ئايدىن كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، جىيەنىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتىنمۇ ئوخشاشلا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئاخبارات ئورگانلىرىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان لاگېر شاھىتلىرىغا تەھدىت سېلىش، تۆھمەت چاپلاش، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسى خىتاينىڭ قاتتىق بېسىملىرى ئاستىدا ۋاپات بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ كىچىك ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇت 2019-يىلى خىتاينىڭ تەھدىتلىرى ئاستىدا، زۇمرەت خانىم ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغانىدى. خىتاي بۇ يالغان گۇۋاھلىقنى تەشۋىقات ئورگانلىرى ئارقىلىق كۆپلەپ تارقىتىپ، جىنايەتلىرىنى پەردازلاشقا، ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى.

ھالبۇكى، بۇ ئۇرۇنۇشلار زۇمرەت داۋۇتقا ئوخشاش لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش قەدەملىرىنى توختىتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆزىگە قارشى ئاۋاز چىقارغانلارغا قايسى تەرىقىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىدەك رەزىل يۈزىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2025 19:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق