تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ كورېيەدە ئۇچراشتى

تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ 30-ئۆكتەبىر كورېيەدە ئۇچراشتى. بۇ تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە روياپقا چىققان بولۇپ، تىرامپ ئالتە يىلدىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەن.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ يېپىق يىغىنى ئىككى سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا ئاخىرلاشقان. تىرامپ خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، خىتايغا قارىتا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ بولسا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىشىنىڭ قارشىلىشىشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

تىرامپ ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭنى «ئۇلۇغ رەھبەر» دەپ سۈپەتلىگەن ۋە خىتاي بىلەن كۆپلىگەن مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئورتاق پىكىر شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تىرامپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن.

تىرامپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى «چوڭ غەلىبە» دەپ سۈپەتلەپ: «ئەگەر نۆلدىن ئونغىچە نومۇر قويۇشقا توغرا كەلسە، مەن بۇ ئۇچرىشىشقا 12 نومۇر بېرىمەن» دېگەن ۋە خىتايغا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ سىيرەك توپا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بوشىتىشقا ۋە ئامېرىكىدىن سويا پۇرچاق سېتىۋېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، كېلەر يىلى 4-ئايدا ئۆزىنىڭ خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭمۇ ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە فېنتانىل، ئىلغار ئۆزەك قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەمما تىرامپ سۆھبەت جەريانىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان تىرامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى قايتىدىن جىددىيلەشكەنىدى. خىتاي سىيرەك توپا ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتايغا نويابىر ئېيىدىن باشلاپ %100 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى. ئەمما ئالدىنقى ھەپتە كۇئالا لامپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ سىيرەك توپا، تاموژنا بېجى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 100 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2025 20:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق