ياپونىيە باش ۋەزىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئالدى

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائې 31-ئۆكتەبىر شى جىنپىڭ بىلەن كورېيەدە كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ سۆھبەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرى بۇ ئۇچرىشىشنى «مۇز بىلەن ئوتنىڭ سۆھبىتى» دەپ سۈپەتلىدى.

ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېتىدە سۆھبەت تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى. بىلدۈرۈلۈشىچە، 30 مىنۇت داۋاملاشقان سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ھەل بولمىغان مەسىلىلەر ھەققىدە دىيالوگلارنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن. تاكائىچى سانائې ياپونىيەنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى، خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېكسپورتى كونتروللۇقى، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خىتايدىكى ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتايغا قاتتىق قول مەيدانى بىلەن تونۇلغان تاكائىچى سانائېنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىدا خىتاي ئاڭلاشنى ئەڭ خالىمايدىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالغان بىردىنبىر دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قېلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

باش ۋەزىر تاكائىچى سانائېنىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەيبېيگە بېرىپ، تەيۋەن ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خىراجىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 79 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2025 20:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق