
شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي بۇ ھەپتە قەشقەردە يەنە بىر خەلقئارالىق يىغىن تەشكىللەپ، ئاتالمىش «قانۇنچىللىق ھەمكارلىقى»نى كۈچەيتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىر قەشقەر شەھىرىدە «خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرى (2025)» ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇنبەردە ئاتالمىش «قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرىغا ئوخشاش بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، سىرىلانكا، ھىندىستان قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى، قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىستراتېگىيەلىرى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
باشقا خىتاي ئەمەلدارلارمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ ئاتالمىش «قانۇنچىللىق» جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم سۇپا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
يىغىن جەريانىدا خىتاي بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ھەم ئۈچ پاراللېل مۇنبەر تەسىس قىلىنغان ۋە بۇلتۇرقى «خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىلىرى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچى باياناتى»نىڭ نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلارنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش بولسا بۇ ھەرىكەتلىرىدىكى مەقسەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇلتۇر سېنتەبىر ئېيىدا «خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. خىتاي يىغىندا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، توردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە ئورتاق كېڭەشكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.