
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەدىكى مىللەت گېزىتى، سۆزچى گېزىتى، جۇمھۇرىيەت گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، CNN تۈركچە قانىلى رىياسەتچىسىدىن تەشكىللەنگەن سەككىز كىشىلىك ھەيئەتنى ساختا تەشۋىقات زىيارىتىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئەمما CNN تۈركچە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى بۇشرا ئارسلانتاش خىتاينىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە، زىيارەت جەريانىدا ئېرىشكەن مەلۇماتلار ئارقىلىق مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى كۈچلۈك تەرىقىدە پاش قىلدى.
CNN تۈركچە قانىلىدا بۈگۈن تارقىتىلغان مەخسۇس خەۋەردە رىياسەتچى بۇشرا ئارسلانتاش زىيارەت جەريانىنى باشتىن-ئاخىر بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ سەپەردىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى سورىغان. خىتاي ئەلچىسى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەرساھە ئاممىسى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، ئاتالمىش «ھەقىقىي ئەھۋال»نى تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
بۇشرا ئارسلانتاشنىڭ بايان قىلىشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئۈچ خىتاي خادىم ھەيئەتنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىنى باشتىن-ئاخىر ۋىدىيوغا ئېلىپ ماڭغان. ھەيئەت 27-ئۆكتەبىر خىتاي خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاتالمىش «ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»نى زىيارەت قىلغان. رىياسەتچى مىللىتى ئۇيغۇر بولغان ئىنستىتۇت مەسئۇلىدىن «دىني ئەسەبىيلىكنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ناماز ئوقۇمىغانلارنى مۇسۇلمان ئەمەس، دەيدىغان قاراش دىنىي ئەسەبىيلىك ھېسابلىنىدۇ» دەپ تومتاقلا جاۋاب بەرگەن. «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساقال قويۇشى چەكلىنەمدۇ؟» دەپ سورىغاندا بولسا زامانىۋى كىيىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپنىڭ ئالاقىدار قائىدىسىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىختىيارى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
ھەيئەت يەنە ئىنستىتۇت ئىچىدىكى مەسچىتنى زىيارەت قىلغان. بۇشرا ئارسلانتاش ئىنستىتۇت مەسئۇلىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيالايدىغان-ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئىنستىتۇت مەسئۇلى ھودۇقۇپ: «سىرتتىكىلەر ھەققىدە مەلۇماتىم يوق» دېگەن. «ئاياللار مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولسا: «مەن ھازىرغا قەدەر ھېچ كۆرۈپ باقمىدىم، ئۇلار ئاساسەن ئۆيىدە» دەپ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. رىياسەتچى يەنە شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇيالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، مەسئۇل: «خالىغانلار ناماز ۋاقتى كەلگەندە كىرىپ ناماز ئوقۇيالايدۇ» دەپ يالغان سۆزلىگەن.
بۇشرا ئارسلانتاش ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار ۋە كەچلىك بازارلارنى زىيارەت قىلغاندا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش، تەرجىمە ئەپ دېتاللىرى ئارقىلىق پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولغان. ئەمما ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقان ئۇيغۇرلار تاماق، كىيىم-كېچەك ھەققىدە قىزغىن پاراڭلاشقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى، سىياسەتلىرى ھەققىدە سورالغاندا تىل توسالغۇسىنى سەۋەب قىلىپ ياكى كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بۇشرا ئارسلانتاش يەنە ھەيئەتنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي خادىملىرىنىڭ بۇ تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ خىزمەت مەقسىتىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغانلىقىنى، يەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ، خىتاي رېجىمىنىڭ يوليورۇقلىرىنى، ئاۋازىنى ئاممىغا تولۇق، ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، پۈتۈن تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
زىيارەت ئۆمىكى يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا بىرمۇ ئوقۇغۇچى بىلەن كۆرۈشۈش، زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. خەۋەرنىڭ بۇ قىسمىدا 2017-يىلى خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۆھمەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھازىرغىچە خەۋىرى بولمىغان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مۇدىرى پىروفېسسور تاشپولات تېيىپمۇ مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان.
ئۇلار يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى مۇزېيى»نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي مەسئۇللىرى بۇرۇنقى ئىبارىلىرىنى تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ نۆۋەتتە باي-باياشاتلىق، خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
بۇشرا ئارسلانتاش خەۋەردە يەنە تۈركىيەلىك ژۇرنالىست تاھا قىلىنچنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» ناملىق يېڭى كىتابىنى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم زىيارەتلەردىكى بايانلىرىنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، خۇددى تاھا قىلىنچنىڭ ئېيتقىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى بازارلاردا پىچاق، قىڭراقلارنىڭ زەنجىرلەنگەنلىكىنى، خىتاي مەسئۇللارنىڭ بۇنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپلا، ئارتۇق چۈشەنچە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىمۇ بايان قىلىنغان. جۈملىدىن خىتاينىڭ 1955-يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» تەسىس قىلغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قالغانلىقى، ھازىرغا قەدەر خىتاي رېجىمىنىڭ بىۋاسىتە، قاتتىق كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىدەك بايانلار قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن.
مەخسۇس خەۋەردە يەنە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسىم نامايىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ قىستۇرۇلغاندىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى، تەۋسىيەلىرى، چاقىرىقلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى خەۋەرنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
خىتاي ئالدىنقى ئايدا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم خىتايپەرەس ژۇرنالىستلارنى شەرقىي تۈركىستاندا ساختا تەشۋىقات زىيارىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ھەققىدە ئىجابىي تەرەپتىن سۆزلەتكۈزگەنىدى. ئەمما بۇ قېتىملىق ساختا تەشۋىقات زىيارىتى خىتاينىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، تۈركىيە تاراتقۇ ئورگىنىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.