
خىتاينىڭ بىر ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خادىملىرىغا تەھدىت سېلىپ ۋە پاراكەندە قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى سەزگۈر تەتقىقاتلارنى توختاتقۇزماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەنگلىيە تاراتقۇ ئورگىنى BBC ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۈگۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بۆلۈمى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي خادىملىرى ئۇلاردىن داۋاملىشىۋاتقان تەتقىقاتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېكەتلىرى نۆۋەتتە خىتايدا چەكلەنگەن.
شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە قۇل ئەمگىكى مەسىلىسى پىروفېسسورى لاۋرا مۇرفى خىتاينىڭ ئېغىر توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ بېسىمى ۋە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارشى تۆھمەت خاراكتېرلىك ئەرزى سەۋەبلىك، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى پىروفېسسور لاۋرا مۇرفى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەييارلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغان.
2025-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى يەنە پىروفېسسور لاۋرا مۇرفىغا خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاكادېمىيەلىك ئەركىنلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قانۇنىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئالاقىدار ئىچكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
پىروفېسسور مۇرفىغا BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى بازىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاكادېمىك ئەركىنلىكىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما ھازىر شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسور لاۋرا مۇرفىدىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قايتا باشلىيالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر باياناتچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەرنى چۈشىنىشكە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان.
شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە كۆپلىگەن دوكلاتلارنى تەييارلىغان ئورگانلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان ياۋروپا شىركەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىشتىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇندىن باشقا، بۇلتۇر شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بوستونغا جايلاشقان شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان «تەمىنلەشنى ئىز قوغلاش» ناملىق بىر سۈنئىي ئەقىل قورال ياساپ چىققانىدى.