
1-نويابىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى»نىڭ ئىمزاسىدا «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.
ماقالىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇدا كۆپ يىل ئاتالمىش «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى»نىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى قاتارلىق سەپسەتىلەر ئورۇن ئالغان.
ماقالىدە يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى»نىڭ ئالغا سىلجىتىلغانلىقى، خىتاي تىل-يېزىقىنىڭ كېڭەيتىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقى، ئاتالمىش
«جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەنلىكى قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرى زور نەتىجە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىشىغا، كۈچەيتىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرىكەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ 2014-يىلى، 2020-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2-قېتىملىق، 3-قېتىملىق ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» سۆھبەت يىغىنى ئاچقانلىقى، 2014-يىلى، 2022-يىلى، 2023-يىلى ۋە 2025-يىلى شى جىنپىڭنىڭ تۆت قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقى قاتارلىقلار قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملاشقانلىقى، ئەمما ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقى، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش»نىڭ يەنىلا مۈشكۈل ئىكەنلىكى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدىيەسىنىڭ تارقالغان ۋاقتىنىڭ ئۇزاق ئىكەنلىكى، ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر، يولنىڭ يىراق ئىكەنلىكى، بۇندىن كېيىن خىتاي تىل-يېزىقىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقى، ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى، مەدەنىيەت جەھەتتە سىڭىشىشى، ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشىگە دائىر تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىدىغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنىپ، ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش جىنايىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، دىۋىزىيەلەرنىڭ كۈچىنى زورايتىدىغانلىقى، ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداشتا دىۋىزىيەلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئورگان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدىكى مەلۇماتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كېڭەيتىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.