تىرامپ: خىتاي مەخپىي يادرو سىنىقى قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو سىنىقى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي بولسا بۇنى ئىنكار قىلدى.

تىرامپ 2-نويابىر CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ يادرو سىنىقىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭمۇ سەپتىن قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تىرامپ بۇ ھەقتە: «گەرچە يادرو قورالىنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور بولسىمۇ، دۇنيا بەك چوڭ. ئۇلارنىڭ نەدە سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇلار چوڭقۇر يەر ئاستىدا سىناق قىلىۋاتىدۇ. كىشىلەر بۇنى بىلەلمەيدۇ، سىز پەقەت يېنىك تەۋرىنىشنى ھېس قىلالايسىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ چوقۇم يادرو سىنىقى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى كىرىس رايت ئارقىدىنلا فوكس خەۋەر قانىلىدا بۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆزدە تۇتقىنىنىڭ يادرو پارتلىتىش سىنىقى ئەمەس بەلكى، يادرو سىستېمىسى سىنىقى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق يادرو قوراللىرىنىڭ نورمال مەشغۇلات قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئاۋۋال يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتى ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش يادرو ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكى، يادرو سىنىقىنى توختىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقى، ئامېرىكىنىمۇ يادرو قورال سىنىقىنى توختىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئالدىنقى ھەپتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىناق پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يادرو قوراللىرىنى تەڭ ئاساستا سىناق قىلىشقا باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 280 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2025 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق