
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 4-نويابىر تۈركىيەدىكى ئەڭ پىشقەدەم ئاخباراتچىلاردىن تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى TRT نىڭ سابىق ئىستانبۇل مۇدىرى، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋە نۆۋەتتە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتى مېديا ۋە ئاخبارات بۆلۈمى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشارنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، جەمئىيەت باش كاتىپى ۋە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى باش نازارەتچىسى ئابدۇللاھ يالقۇن ۋە تۈركچە بۆلۈم مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت، ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى گىرافېك مەسئۇلى مەردان ئۇيغۇر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.
ئۇچرىشىشتا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى بەش تىلدا دۇنياغا پاش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسىنىڭ 15 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى باسقۇچتا بۇ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىق ساھەلىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ھەيئىتىمىز ئۇچرىشىش ئاخىرىدا پروفېسسور دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشارغا خاتىرە ئۈچۈن دوپپا ۋە ئىستىقلال لوگوسى چۈشۈرۈلگەن لەۋھە تەقدىم قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر