
گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان مۇيەسسەر ئوبۇل ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال 5-نويابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مۇراجىئەت ۋىدېيوسى تارقىتىپ، پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان 56 ياشلىق ئانىسىنىڭ گېرمانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئالغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سىندا كۆز ياشلىرى بىلەن ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ئانىسى رىزۋانگۈل بەكرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى، ئەمما رەت قىلىنغانلىقىنى، ئادۋوكاتى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئالدىنقى ھەپتە ئانىسىنىڭ سوتىنىڭ تۇيۇقسىز بىكار قىلىنغانلىقىنى، 3-نويابىر ئانىسى ئالاقىدار ئورگانلاردىن قايتۇرۇلغان ماتېرىيالىنى ئېلىش ئۈچۈن كەتكىنىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، كېيىن ئۇ كۆپلىگەن ئورۇنلار، شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىشىش نەتىجىسىدە «ئۇنى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋەتتۇق» دېگەن جاۋابنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ھازىر ئۇنىڭ قەيەردە، قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئىز-دېرىكىنى ئېلىپ بېرىشنى سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئارقىلىق كۆپلەپ تارقىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، رىزۋانگۈل بەكرىنىڭ تەقدىرى قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا.
گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2018-يىلى 4-ئايدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن دىلشات ئادىلجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايغا بارغان ھامان تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە سوتقا تارتىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۇقۇشماستىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە شۇ يىلى 12-ئايدا گېرمانىيە كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىدارىسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرنى، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، خىتايغا قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغانىدى.
گەرچە غەرب دۆلەتلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىخەتەر ھېسابلىنىدىغان بولسىمۇ، كۆچمەنلەرگە قارشى ئىرقچى سىياسىي ئېقىملارنىڭ باش كۆتۈرۈشى، خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىگە ماسلاشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.