
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۇقىرى تەمىناتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئاتالمىش «ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى» سۈپىتىدە تەڭلا تەشۋىق قىلماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە خۇنەن ئۆلكىسىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۇرپاندىكى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت»تىن بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى قوبۇل قىلىش يۈزتۇرا ئىمتىھانى ئالغانلىقى، بۇنى بۇلتۇردىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»، «كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن ۋە شۇنداقلا ھەقىقىي مەقسىتىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرماستىن، بۇ ھەرىكەتلەردىكى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ سىڭىشىشى، ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئوخشاش كۈندە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ بىر خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار خىتاي ئورگانلىرىنىڭ شەندۇڭ، گۈيجۇ، لەنجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى تەشكىللىگەنلىكى، ئون مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى توختاۋسىز ئىجرا قىلماقتا. زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي توشۇلۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس نىسبىتىنى ئازايتىش، تارقاقلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك قارا نىيىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سانسىزلىغان خىتاي ئاققۇنلىرى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت قاتارلىق ئالاھىدە تەمىناتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلمەكتە.