
گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇيەسسەر ئوبۇل ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىنلىق مۇراجىئەتنامە تارقىتىپ، ئانىسى رىزۋانگۈل بەكرىنىڭ گېرمانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالغانىدى. ئەمما بۈگۈن 56 ياشلىق رىزۋانگۈل بەكرىنىڭ تۈركىيەگە ساق-سالامەت كېلىۋالغانلىقى مەلۇم بولدى.
قەشقەر تايمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، رىزۋانگۈل بەكرى بېيجىڭ ئايرودۇرۇمغا چۈشكەندىن كېيىن گېرمانىيەدىكى قىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بېيجىڭدىن دۇبەيگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە بېيجىڭدىن ئايرىلغان ۋە دۇبەيگە بارغاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا بىلەت ئېلىپ، بۈگۈن تۈركىيەگە ساق-سالامەت كېلىۋالغان.
نۆۋەتتە چەت ئەلدىكى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۈرلۈك شەرتلەر ئاستىدا چىراغ يېقىپ بېرىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىۋاتقان بولسىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستانغا قايتىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ.