
نۇھ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ «كۆك ئاسمان نەدە؟» ناملىق تىياتىرى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كۈرىشى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ئىنتايىن جانلىق تەسۋىرلەنگەن تىياتىر قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.
مەزكۇر تىياتىر تېخى يېقىندىلا يالوۋانىڭ چىنارجىك شەھىرىدە تاماشىبىنلار بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتى. كىملىك، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئەركىنلىك تېمىسىنى ئاساس قىلغان بۇ تىياتىر تاماشىبىنلارغا ھەم ئۆزگىچە ھېس-تۇيغۇ، ھەم ئويغا سالغان دەقىقىلەرنى سۇندى. ھەر قېتىمقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ زالغا لىق تولغان چىنارجىك خەلقى مەزكۇر تىياتىرغا ۋە ئارتىسلارغا زور ئالقىش ياڭراتتى.
ئارتىسلار سەھنە ماھارىتى ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى ۋە كىملىك كۈرىشىنى جانلاندۇرۇپ بەردى. ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ۋە سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇشى يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى.
گەرچە تۈركىيەدىكى ھەرخىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، پائالىيەتلەردە، يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان پاجىئە تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇمنى بىۋاسىتە يورۇتۇپ بايان قىلىدىغان كەسپىي تىياتىر شەكلىدىكى ئەسەر يوق بولغانلىقتىن، ئالاقىدار خەۋەرلەردە «كۆك ئاسمان نەدە؟» ناملىق بۇ تىياتىرغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، كۈرىشىنى بايان قىلىش جەھەتتىن «تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققان ئەسەر»، «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىياتىرغا ئايلاندۇرغان باشلامچى ئەسەر»، «پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلانغان تىياتىر» دېگەندەك سۈپەتلەر ئورۇن ئالماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر