
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقان ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 3-لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە بىرلەشمە توشۇش سىنىقى 30-ئۆكتەبىر تاماملانغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گاز بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇيدىغان مەزكۇر لىنىيەنىڭ پۈتۈن قىسمى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 3-لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى 2012-يىلى 10-ئايدا رەسمىي باشلانغان. بۇ قۇرۇلۇشتا شەرقىي بۆلەك، ئوتتۇرا بۆلەك، غەربىي بۆلەك بويىچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ قۇرۇلۇش قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي بۆلەك ھېسابلىنىدىغان قورغاس − جۇڭۋېي بۆلىكى 2014-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، شەرقىي بۆلىكى بولغان جىئەن − فۇجوۋ بۆلىكى 2016-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئوتتۇرا بۆلىكى بولغان جۇڭۋېي − جىئەن بۆلىكىدە 2021-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. ئوتتۇرا بۆلەكنىڭ يادرولۇق تەركىبىي قىسمى بولغان جۇڭۋېي − زاۋياڭ بۆلىكى بۇ يىل 26-سېنتەبىر پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە 30-ئۆكتەبىر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ تولۇق سىناقتىن ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 3-لىنىيەسى قورغاس ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى فۇجوۋدا ئاخىرلىشىدىكەن. لىنىيە خىتاينىڭ گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، جياڭشى، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7378 كىلومېتىر كېلىدىكەن. يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارى بولسا 30 مىليارد كۇب مېتىر ئىكەن.
ھازىرغا قەدەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» لىنىيەسىنى تۆتكە يەتكۈزگەن. ئومۇمىي لىنىيەنىڭ تۇرۇبا تورى سىستېمىسى 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ غول لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىدىكى گاز يەتكۈزۈش مىقدارىدا% 40 نى ئىگىلەيدىكەن. ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-لىنىيەسى» دەپ نام بېرىلگەن تۇرپان – جۇڭۋېي لىنىيەسىمۇ بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.
خىتاي يىللاردىن بۇيان ئۇزۇن يىللىق پىلان، غايەت زور خىراجەت ئارقىلىق، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، خىتايغا توختاۋسىز توشۇماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلار ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەكىتلەۋاتقان خىتاي ماس قەدەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلماقتا.