خىتاي بۇ يىللىق خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇردى

12-نۆۋەتلىك خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇنبەرنى نىڭشادا ئۆتكۈزگەنىدى.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 12-نۆۋەتلىكى 6-نويابىر ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىغىنغا تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ، 300 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «12-نۆۋەتلىك خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچى تەشەببۇسنامى» ئوقۇلغان. مۇنبەردە يەنە خىتاي بىلەن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سودا، مائارىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېزا-ئىگىلىك، تىرانسپورت قاتارلىق 13 ساھەدىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرمەكتە. بۇنىڭغا ماس ھالدا كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقان مۇنبەر، يىغىنلارنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 179 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2025 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق