تىرامپ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى جەم قىلدى

12-نۆۋەتلىك خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئوخشاش كۈندە ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىرى 6-نويابىر 10-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا جەم بولدى. خەلقئارالىق تاراتقۇلار مەزكۇر ئۇچرىشىشنى ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى سەھىپە دەپ سۈپەتلىمەكتە.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىن بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىيرەك توپا، تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مېخانىزمى يەنە «C5+1» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى مەزگىلىدە رەسمىي قوزغىتىلغان. 2023-يىلى سابىق پىرېزىدېنت بايدېن ئۇنىڭ شەكلىنى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، بۇ ھەمكارلىق يېڭى باسقۇچقا كىرگەن.

نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تەسىرى ئامېرىكىدىن ئۈستۈن ئورۇندا بولۇپ، خۇسۇسەن خىتاي ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكا بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا، تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تىرىشماقتا.

بۇ خەۋەر 174 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2025 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق