«قېرىنداش دۆلەت» ئىپادىسى تۈركىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى ھەيئىتىنىڭ خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن قىلغان سەپىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا بارماسلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەسلىكى، شۇنداقلا خىتاينى «قېرىنداش دۆلەت» ئىبارىسى بىلەن سۈپەتلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تەنقىد قوزغىدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن بەش كۈنلۈك زىيارەتكە بارغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى ھەيئىتىنىڭ خىتاي سەپىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى. ھەيئەتنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە ھەرخىل كۆرۈشۈشلەردە بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستانغا بارماسلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەسلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد راشىت ئۈنال X ھېسابىدىكى يازمىسىدا: «تارىخىي مىراس بىلەن زامانىۋى ئۆزگىرىشنىڭ بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن بىر دەۋرىنى ئەمەلىي مەيداندا كۆرۈش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ياشلار سىياسىتىگە، ھەم خەلقئارا كۆز قارىشىمىزغا تۆھپە قوشقان بىر تەجرىبە بولدى» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلەتتى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى شانلى ئۇرفا ۋىلايىتى شۆبىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەت بەرىكەت بولسا سەپەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا يازغان ئۇچۇرىدا: «شەھەرلىك ياشلار بۆلۈمى رەئىسىمىز فۇرقان كۈچۈك قېرىنداش دۆلەت خىتايدا ئىشقا ئاشۇرغان سەپىرىدە بىر قاتار مۇھىم ئالاقىلەردە بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىپادىلەرنى قوللاندى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ سەپەر، شۇنداقلا ئىشلىتىلگەن ئىبارىلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئالاقىدار تەنقىدلەردە ياشلار بۆلۈمىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مەيدانى مۇنازىرە قىلىنغاندىن سىرت، «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى نېمە ئۈچۈن كۆرمەسكە سالدىڭلار؟»، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان سىستېمىلىق بېسىمنى ئۈلگە قىلىپ، تۈركىيەدە قانداق بىر سىياسەت ئوتتۇرىغا چىقارماقچىسىلەر؟» دېگەندەك ئىنكاسلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا تاشلاندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار بۆلۈمى تەنقىدلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېخىچە رەسمىي ئىزاھات بەرمىدى.

ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى بۇغرا كاۋۇنجۇ تۈنۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ بۇ خىل زىيارەتلەرنى ئىلگىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئەمدى نۆۋەت ئۇلارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ياشلارغا خىتاب قىلىپ: «بېرىڭلار! ئەمما كېيىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار، بىز سىلەرگە ئائىلىسىدىن ئايرىلغان، يېقىنلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان، ئۇ يەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان، خىتاينىڭ سۆزى بويىچە بۆلگۈنچى بولمىغان، ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان، پەقەتلا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تېپىشنى خالايدىغان بىر تالاي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇرايلى، ئۇلارغىمۇ قۇلاق سېلىڭلار... قان-قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان زۇلۇمغا كۆزىمىزنى، قۇلىقىمىزنى ئېتىۋالىدىغان دەرىجىدە ماڭقۇرتلاشمىدۇق» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 179 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2025 18:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق