ئەنگلىيە تاراتقۇسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەخپىي بازىسىنى ئاشكارىلىدى

ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق، خىتاي ئىشلەپ چىققان J-36 ۋە J-50 جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ سىنىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لوپنۇر بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەنگلىيە تايمېز گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لوپنۇر بازىسى ئامېرىكىنىڭ  «51-رايونى»ى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر بازا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنور رايونىغا جايلاشقان. مەزكۇر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى ئاۋىياتسىيە سىناقلىرى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە خىتاي ئىشلەپ چىققان J-36 ۋە J-XDS  (ياكى J-50) دېگەن ئالتىنچى ئەۋلاد تاكتىكىلىق جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ سىناق ئۇچۇشىغا تەييار ھالەتتە ئۇچۇش يولىدا تۇرغانلىقى بايقالغان.

دېلتا قانات لايىھەسىگە ئىگە، قۇيرۇقسىز ۋە رادار كۆرۈنۈشى تۆۋەن J-36 خىتاينىڭ يېڭى ئەۋلاد ھاۋا كۈچىنىڭ ئاساسىي ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى دەپ باھالانماقتا. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ئايروپىلان ئادەمسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى توپ تاكتىكىسى بىلەن باشقۇرالايدىغان سىستېما بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلما ئامېرىكىنىڭ «Loyal Wingman» پىروگراممىسىغا ئوخشاش ئىكەن.

خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى لوپنۇر بازىسى خىتاينىڭ ئەڭ مەخپىي سىناق مەركەزلىرىدىن بىرى ئورنىدا بولۇپ، بازا تەخمىنەن 4.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇچۇش يولى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش يوللىرىدىن بىرى دەپ تونۇلغان. مەزكۇر بازا ئىلگىرى خىتاي يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارغان رايوننىڭ يېقىن يەرگە جايلاشقان.

The Times گېزىتىگە سۆزلىگەن خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىدىن (IISS) ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسى دوگلىس بارىي ئايروپىلانلارنىڭ ئوچۇق مەيداندا كۆرۈنۈپ قېلىشىنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «خىتاي بۇ ئايروپىلانلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈشىنى خالىمىغان بولسا، ئاسانلا ئايروپىلان ئامبىرىغا ئالغىلى بولاتتى. بۇ بىر ئىشارەت، ئۇلار ئۆز قولىدىكىنى كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ» دېگەن.

دوگلىس بارىي خىتاينىڭ ھازىرچە جامائەتكە ئاشكارىلىمىغان باشقا تۈرلەرمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «تۆۋەن رادار كۆرۈنۈشىگە ئىگە يېڭى بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ تېخى ئاشكارىلانمىدى. 1980-يىللاردا خىتاي ھاۋا كۈچلىرى كونا سوۋېت ئايروپىلانلىرى بىلەن لىق تولغانىدى. بۈگۈن ئامېرىكىغا تەڭ سىستېمىلارنى ئىشلەپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى جەڭ تەجرىبىسى» دېگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، خىتاي رېجىمى لوپنۇرنى ئامېرىكىنىڭ نېۋادا چۆلىدىكى «51-رايونى» بازىسىغا ئوخشاش مودېل بويىچە ئىشلەتمەكتىكەن. ھەر ئىككى بازا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايونغا جايلاشقان ۋە رۇخسەتسىز كىرىشنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىلىرى بىلەن قورشالغان.

سېنتەبىر ئېيىدا بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىمۇ كۆرسىتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپىنىڭ لوپنۇردا سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەردىن بىرى ئىكەنلىكى گۇمان قىلىنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 169 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2025 19:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق